ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

دادا بولغۇچى تۆرەلمە مەزگىلىدىكى تەربىيەدىكى ئاساسى كۈچ بولۇشى كېرەك

دادا بولغۇچى تۆرەلمە مەزگىلىدىكى تەربىيەدىكى ئاساسى كۈچ بولۇشى كېرەك

ۋاقتى: 2015-09-23 ئاۋاتلىقى: 624 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھازىرقى زامان ئىلغار پەن-تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، بىز ئاللىقاچان شۇنى بايقىدۇقكى، تۆرەلمە 16 ھەپتىلىك بولغاندا ئۇنىڭدا تېگىشىش سېزىمى ۋە تەم سېزىمى پەيدا بولىدۇ، 18 ھەپتىلىك بولغاندا نۇرغا نىسبەتەن ئىنكاس پەيدا بولىدۇ ھەمدە ئاڭلاش سېزىمى تەرەققىي قىلىپ بولغان بولىدۇ ۋە چۈش كۆرەلەيدۇ؛ 30 ھەپتىلىك بولغاندا ئەستە ساقلاش ۋە تەپەككۇر ئىقتىدارى بار بولىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، تۆرەلمىنىڭ زېھنى ۋە خاراكتېرى ئانىسىنىڭ قورسىقىدا تۇرۇپلا ئاللىقاچان يېتىلىشكە باشلايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تۆرەلمە مەزگىلىدىكى تەربىيە ئىنتايىن زۆرۈر ۋە مۇھىم!


ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ كۆز قارىشىدا، تۆرەلمە مەزگىلىدىكى تەربىيە بولسا ئانا بولۇش ئالدىدا تۇرغانلارنىڭ ئىشى، لېكىن بىز بۇيەردە كۆپچىلىككە مۇھىم بىر ئىشنى ئەسكەرتمەكچى، يەنى دادا بولۇش ئالدىدا تۇرغانلارمۇ تۆرەلمە مەزگىلىدىكى تەربىيەگە قاتنىشىشى زۆرۈر. چۈنكى، تۈرلۈك تەتقىقاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، ھامىلە ئەرلەرنىڭ تۆۋەن چاستوتىلىق ئاۋازىغا ئاياللارنىڭ يۇقىرى چاستوتىلىق ئاۋازىغا قارىغاندا تېخىمۇ سەزگۈر كېلىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، دادا بولۇش ئالدىدا تۇرغانلارنىڭ تۆرەلمە مەزگىلىدىكى تەربىيەگە قاتنىشىشى ئانا بولۇش ئالدىدا تۇرغانلارغا بولغان كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ئۇلارغا ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ-دە، ھامىلىمۇ خۇشال-خۇرام كەيپىياتنى ھېس قىلىدۇ، بۇ بوۋاقنىڭ كېيىن بىر شاد-خۇرام بالا بولۇشىغا پايدىلىق. شۇنىڭ ئۈچۈن دادا بولۇش ئالدىدا تۇرغانلارنىڭ تۆرەلمە مەزگىلىدىكى تەربىيەدىكى رولى ئىنتايىن مۇھىم.



ھامىلىدارلىقنىڭ 4~5 ئايلىرىدىن باشلاپ تۆرەلمە مەزگىلىدىكى تەربىيە ئېلىپ بارسا بولىدۇ. بۇ مەزگىلدە مۇزىكا بىلەن تەربىيەلەشنى ئاساس قىلىش كېرەك، يېقىملىق، ئاددىي رىتىملىق مۇزىكىنى قايتا-قايتا قويۇش، كۈندە 2 قېتىم، ھەر قېتىمدا 3~5 مىنۇتقىچە ئاڭلىتىش كېرەك.
5~6 ئايغا كەلگەندە مۇزىكىنى ئىككىگە كۆپەيتىپ ئالماشتۇرۇپ قويۇپ بەرسە بولىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئانا بولغۇچى ناخشا ئېيتىپ بەرسىمۇ، ئاتا-ئانا بولغۇچى قىزغىن، گۈزەل سۆزلەر بىلەن تەبىئەتكە بولغان ماختاشلىرىنى دېيىشسىمۇ بولىدۇ، بۇنى كۈنىگە ئىككى قېتىم. ھەر قېتىمدا 5 مىنۇت ئېلىپ بارسا بولىدۇ.
ھامىلە 7 ئايلىق بولغاندا، «رەسمىي» دەرسلىكنى باشلىسا بولىدۇ. ئالدى بىلەن سىگنال بېرىش ئارقىلىق يەنى قول بىلەن ھامىلىنى ئۈچ قېتىم يېنىك بېسىش ياكى يېنىك ئۇرۇپ قويۇش ئارقىلىق ئۇنىڭغا دەرسنىڭ باشلانغانلىقىنى بىلدۈرۈڭ، قوزىڭىز تىنچ ئاڭلايدۇ؛ ئادەتتە ئەتىگەندە ئويغانغاندا گەپ قىلىش (ھېكايە سۆزلەش) شەكلىدە، ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە كەلگەندە ۋە كەچتە ئۇخلاش ئالدىدا يېزىق ياكى مۇزىكىلىق شەكىلدە ئېلىپ بېرىش كېرەك، بۇنداق مەشىق ئادەتتە 5~10 مىنۇتتىن بىر كۈندە ئۈچ قېتىم ئېلىپ بېرىلسا بولىدۇ.
تۆۋەندە دادا ۋە ئانا  بولۇش ئالدىدا تۇرغۇچىلار ئۈچۈن ئۇلار بىرلىكتە قىلسا بولىدىغان ھامىلە تەربىيەلىرىنى پايدىلىنىشىڭلارغا سۇندۇق.
1. بوۋاق بىلەن پاراڭلىشىش
دادا بولۇش ئالدىدا تۇرغۇچى ئانا بولۇش ئالدىدا تۇرغۇچىنىڭ قورسىقىنى سىلاپ بوۋاق بىلەن ئەھۋاللىشىش، گەپ قىلىش، ھېكايە سۆزلەش، ناخشا ئېيتىپ بېرىش ۋە ئۇنىڭغا ئاددىي ساۋاتلارنى ئۆگىتىش قاتارلىقلارنى ئېلىپ بارسا بولىدۇ. بۇنداق قىلىشنىڭ ھامىلىنىڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشىگە ناھايىتى چوڭ ياردىمى بولىدۇ، بوۋاقنىڭ دادا-ئاپىسىنىڭ ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى ۋە كۆيۈنۈۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالايدۇ.  ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى دادا بولۇش ئالدىدا تۇرغۇچىنىڭ يېقىملىق ئاۋازى بوۋاقنىڭ ئاڭلاش سېزىمىنىڭ يېتىلىشىنى غىدىقلايدۇ ۋە بوۋاققا راھەت، خاتىرجەملىك تۇيغۇسى بېرىدۇ.



2، بوۋاققا مۇزىكا ئاڭلىتىش
بوۋاققا مۇۋاپىق مىقداردا يېقىملىق، لەرزان مۇزىكىلارنى ئاڭلىتىش ھامىلىنىڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ھەمدە ھامىلىدار ئايالنىڭ كەيپىياتىنىمۇ ياخشىلاپ بەدەندىكى پايدىلىق ھورمونلارنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ-دە، بۇنىڭ بىلەن بوۋاق بىلەن ئانا ئوتتۇرىسىدىكى زىچ مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىدۇ. لېكىن زىيادە شاۋقۇنلۇق، رىتىمى تېز، بەك يۇقىرى ئاۋازلىق مۇزىكىلارنى ئاڭلىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك، بولمىسا تۇيۇقسىز كەلگەن كۈچلۈك ئاۋاز ھامىلىنى خاتىرجەمسىزلەندۈرۈپ قورقۇتۇۋېتىدۇ.
3. سىلاش ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدىغان تۆرەلمە مەزگىلىدىكى تەربىيە: ئانا بولغۇچى ئۇخلاشتىن بۇرۇن كارىۋاتتا يېتىپ ئۆزىنىڭ ئىككى قولىنى قورسىقىغا قويۇپ، يۇقىرىدىن تۆۋەنگە يېنىك بېسىپ سىلاپ بەرسە بولىدۇ، ھەر قېتىملىق سىلاش ۋاقتى 5 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك، دادا بولغۇچى سىلىسىمۇ بولىدۇ.
4. ئانا بولۇش ئالدىدا تۇرغۇچى ياخشى بولغان يېمەك-ئىچمەك ۋە تۇرمۇش ئادىتى يېتىلدۈرۈشى كېرەك
كىلىنىكىلىق مىساللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئانا بولغۇچىنىڭ ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئىشتىھاسى ياخشى بولمىسا، مەلۇم بىر خىل نەرسىگىلا ئامراق بولسا ۋە ياكى تاماق يېيىش ۋاقتى نورمال بولمىسا، بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىنمۇ بۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئانا بولۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان ئايال بەك ھۇرۇن بولسا ياكى تەپەككۇر ئىقتىدارى ۋە ھەرىكەت ئىقتىدارى ئاجىز بولسا، تۇرمۇش رىتىمىمۇ تەرتىپسىز بولىدۇ، نەتىجىدە ئۇنىڭ تۇغۇلغان بالىسىمۇ ئانىسىغا ئوخشاش بولىدۇ.  بۇ ۋاقىتتا دادا بولۇش ئالدىدا تۇرغۇچى ئانا بولغۇچىغا ئۇنىڭ ناچار ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتىشىنى ئەسكەرتىپ تۇرۇشى، ئىككىيلەن ساغلام، تەرتىپلىك تۇرمۇش ئۆتكۈزۈشى كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى