ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى زۇكامنى يېمەكلىك ئارقىلىق داۋالاش تەدبىرلىرى

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى زۇكامنى يېمەكلىك ئارقىلىق داۋالاش تەدبىرلىرى

ۋاقتى: 2016-06-09 ئاۋاتلىقى: 996 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئانا بولۇش ئالدىدا تۇرغۇچىلار زۇكامدىن ئەڭ قورقىدىغان كىشىلەر توپىنىڭ بىرى، زۇكام ۋىرۇسى ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ھامىلىگە نىسبەتەن زىيانلىق تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ، ئەگەر زۇكام بىلەن بىرگە بەك قىزىش ئالامىتىمۇ بولسا ئۇنىڭ زىيىنى كىشىنى تېخىمۇ ئەنسىرىتىدۇ. بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مۇۋاپىق ۋاقىتتا كىيىم-كېچەك ئازايتىش-كۆپەيتىش ئېلىپ بېرىش، بازارلارغا ئاز بېرىش، كىنوخانا قاتارلىق ئاممىۋى سورۇنلارغا بارماسلىق كېرەك. ئەگەر ئېھتىياتسىزلىقتىن زۇكام بولۇپ قالسا، تۆۋەندىكى يېمەكلىك ئارقىلىق داۋالاش تەدبىرلىرىنى سىناپ باقسا بولىدۇ.


1. تۇرۇپ
تۇرۇپ يېسسىۋېلەك شورپىسى: يېسىۋىلەكتىن 250 گىرام، ئاق تۇرۇپتىن 60 گىرام ئېلىپ سۇ قوشۇپ قايناتقاندىن كېيىن 10~20 گىرام قىزىل شېكەر قوشۇپ ئىچسە بولىدۇ.



كۆكتات يىلتىزى شورپىسى: يېسسىۋېلەك يىلتىزىدىن 3 تالنى پاكىز يۇيۇپ توغراپ،  7 تال غولپىياز يىلتىزى قوشۇپ قايناتقاندىن كېيىن ئىچسە بولىدۇ.
تۇرۇپ شورپىسى: ئاق تۇرۇپتىن 150 گىرام تەييارلاپ پاكىز يۇيۇپ توغراش، 900 مىللىلىتىر سۇ قوشۇپ 600 مىللىلىتىر قالغۇچە قاينىتىش، 5 گىرام شېكەر قوشۇپ ئاندىن ئىسسىقىدا بىر ئىستاكان،  يېرىم سائەتتىن كېيىن يەنە بىر ئىستاكان ئىچسە بولىدۇ.
گۈرۈچ ئاچچىقسۈيىگە چىلىغان تۇرۇپ: تۇرۇپتىن 250 گىرام ، گۈرۈچ ئاچچىقسۈيى مۇۋاپىق مىقداردا، تۇرۇپنى پاكىز يۇغاندىن كېيىن يالپاقلاپ توغراپ ئاندىن ئاچچىقسۇغا بىر سائەت چىلاپ قويۇپ سەي ئورنىدا ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.
2. زەنجىۋىل چېيى
بۇ خىلدىكى چاينى قىزىقىدا ئېچىش كېرەك، ئاندىن يوتقاننى ئوبدان يېپىنىپ بىر تەرلىۋەتسە ۋە ئوبدان بىر ئۇخلىۋالسا  قىزىتمىسىنى چۈشۈرۈشكە، باش ئاغرىقى ۋە بەدەن ئاغرىشنى سەللىمازا ساقايتىشقا ياردىمى بولىدۇ.
ئاپېلسىن شۆپىكى زەنجىۋىل پارچىسى چېيى:  ئاپېلسىن شۆپىكى ۋە خام زەنجىۋىلدىن 10 گىرامدىن ئېلىپ سۇ قوشۇپ قايناتقاندىن كېيىن ئىچىدىغان چاغدا 10~20 گىرام قىزىل شېكەر قوشۇۋەتسە بولىدۇ.



زەنجىۋىل سامساق چېيى: خام زەنجىۋىلدىن 15 گىرام ئېلىپ ئۇنى ياپلاقلاپ توغرىغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا بىر چىنە سۇ قوشۇپ، يېرىم چىنە قالغۇچە قاينىتىپ، ئىچىدىغان چاغدا 10~20 گىرام قىزىل شېكەر قوشۇۋەتسە بولىدۇ.
زەنجىۋىل شېكەر ئىچىملىكى: خام زەنجىۋىلدىن 15 گىرام، 3 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى سۇڭپىياز بېشىدىن 3 نى تەييارلاپ ئۇنىڭغا 50 گىرام سۇ قوشۇپ قاينىتىپ بولغاندىن كېيىن شېكەر قوشسا بولىدۇ.
3. باشقا تەدبىرلەر
سۇڭپىياز بېشى ئورمىچى:  يۇمىلاق گۈرۈچتىن 50 گىرام ،  سۇڭپىياز بېشىدىن 2~3 كەسمە بۆلىكى تەييارلاپ مۇۋاپىق مىقداردا ئاق شېكەر بىلەن قايناتسا ئۇماچ بولىدۇ، ئىسسىقىدا ئىستېمال قىلىش كېرەك.
ئاپېلسىن شۆپىكى سۈيى: يېڭى ئاپېلسىن شۆپىكىدىن 30 گىرام (قۇرۇتۇلغان ئاپېلسىن شۆپىكى 15 گىرام ) ئۈچ ئىستاكان سۇ قوشۇپ قاينىتىپ، ئىككى ئىستاكان قالغاندا ئاق شېكەر قوشۇپ ئىسسىقىدا ئىچسە بولىدۇ.



ئاشكۆكى سېرىق پۇرچاق شورپىسى: ئاشكۆكى 30 گىرام، سېرىق پۇرچاق 50 گىرام ، 1 لىتىر سۇ قوشۇپ 600 مىللىلىتىر قالغۇچە قاينىتىپ ئىچىملىك تۇز بىلەن تەمىنى تەڭشەپ ئىچسە بولىدۇ.
خاڭجۇ جۇخار گۈلى شېكەر چېيى: خاڭجۇ ئاق جۇخار گۈلىدىن 30 گىرام، ئاق شېكەردىن مۇۋاپىق مىقداردا، ئۇنىڭدا يەنە مۇۋاپىق مىقداردا قايناقسۇ قوشۇپ دەملىسە چاي تەييار بولىدۇ. قانداق ئۇسۇلنى قوللىنىشتىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭ مۇھىم نۇقتىسى سۇنى كۆپ ئىچىش. سۇنى كۆپ ئىچكەندە سۈيدۈك كۆپ بولىدۇ، بەدەندىكى مېتابولىزمدىن ھاسىل بولغان كېرەكسىز ماددىلار دەل ۋاقتىدا بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلىنىپ، بەدەن ھەر ۋاقىت «پاكىز» ھالەتتە تۇرىدۇ، بۇنداق بولغاندا زۇكام ۋىرۇسىنىڭ ھۇجۇمىغا قارشى تۇرغىلى بولۇپ زۇكام بولۇش نىسبىتى ئازىيىدۇ، گەرچە زۇكام ئاسان ساقايسىمۇ. بولۇپمۇ بۇنىڭ قورساقتىكى ھامىلىگە نىسبەتەن پايدىسى بار بولسا باركىن زىيىنى يوق.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى