ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىقنىڭ 5-ھەپتىسىدىكى ئاياللار تېنىدىكى ئۆزگىرىشلەر

ھامىلىدارلىقنىڭ 5-ھەپتىسىدىكى ئاياللار تېنىدىكى ئۆزگىرىشلەر

ۋاقتى: 2016-03-02 ئاۋاتلىقى: 630 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھامىلىدار ئايالنىڭ تېنىدە كۆپ مىقداردا ھورمۇن شەكىللىنىدىغان بولغاچقا، ھورمۇننىڭ ئاجرىلىشى ھامىلىدار ئاياللارنىڭ تېنىدىكى ھۈجەيرىلەرگە تەسىر كۆرسىتىپ، ھامىلىنىڭ ئانىنىڭ بەدىنىگە ماسلىشىشى ئۈچۈن ئاسانلىق يارىتىدۇ، بىراق شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھامىلىدار ئاياللاردا ئاز-تولا بىئاراملىق ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. يەنى كۆپ قىسىم ئاياللاردا كۆڭلى ئېلىشىش، ياندۇرۇش، كۆكسى چىڭقىلىش، چارچاش ھېس قىلىش ۋە كۆپ سىيىش قاتارلىقلار ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھامىلىدار ئاياللارنىڭ پۇراش سەزگۈسى تېخىمۇ ئېشىپ كېتىپ، ھاراق، تاماكا پۇرىقىدىن بېزار بولىدىغان، قەھۋە قاتارلىق ئىچىملىكلەردىن زېرىكىدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئادەتتە ئانچە ئۇيقۇ خالاپ كەتمەيدىغان ئانا بولغۇچى سىزمۇ بۇ مەزگىلدە «ياستۇققا بېشىڭىزنى قويسىڭىزلا كۆتۈرەلمەيدىغان» بولۇپ قالىسىز، ئەنسىرىمەڭ! بۇنىڭ ھەممىسى ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئاجرىلىپ چىققان ھورمۇننىڭ سەۋەبىدىن بولۇپ، بۇ خىل ھورمۇن ئادەم بەدىنىگە خۇددى ناركوز ئوكۇلىدەك تەسىر قىلىپ، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ھەرىكىتىنى ئازراق ئاستىلىتىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھامىلىدارلىقنىڭ 5-ھەپتىسىدە، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ كەيپىياتى تۇراقسىزلىشىپ، ئاسانلا جىددىيلىشىدىغان، خاتىرجەمسىزلىنىدىغان، بەزىدە سەۋەبسىزلا يىغا تۇتىدىغان، تۇرۇپلا ھاياجانلىنىدىغان، مەغرۇرلانغۇسى كېلىدىغان، تۇرۇپلا يەنە بىئارام بولىدىغان بولۇپ قالىدۇ. بۇنىڭ بەزىلىرىنى ھورمۇن كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، بەزىلىرى كونكرېت ئەھۋاللاردىن كېلىپ چىقىدۇ. ئۆزىمىز ئەزەلدىن باشتىن كەچۈرۈپ باقمىغان بۇ خىل جەريانغا دۇچ كەلگەندە بىزنىڭ ئاز-تولا جىددىيلىشىشىمىزنى توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ ئەلۋەتتە، ئامراق يولدىشىڭىز ۋە دوستلىرىڭىز بىلەن سەمىمىي پىكىرلىشىپ كەڭ-كۇشادە پاراڭلىشىپ بەرسىڭىزلا بۇ خىل پىسخىكىلىق ھالەتتىن ناھايىتى تېزلا قۇتۇلۇپ، ئازادە بولۇپ قالىسىز.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى