ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئوزۇقلىنىشى ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ -يېتىلىشىگە تەسىر

ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئوزۇقلىنىشى ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ -يېتىلىشىگە تەسىر

ۋاقتى: 2016-06-22 ئاۋاتلىقى: 645 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئوزۇقلىنىشى ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ -يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

 ھامىلىدار ئايالغا ئوزۇقلۇق يېتىشمىسە، ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشى تەسىرگە ئۇچرايدۇ، ئېغىر بولغاندا، بويىدىن ئاجراش، ھامىلە بالدۇر تۇغۇلۇپ قىلىش، ھامىلىنىڭ يېتىلىشى ئاستا بولۇش، تۇغۇلغاندىن كېيىن يېتىلىشى بىنورمال بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى، (1~3 ئايلىق) بۇ مەزگىلدە ھامىلە گەرچە بىر قەدەر كىچىك بولسىمۇ، لېكىن ھۈجەيرىلەرنىڭ بۆلۈنۈش سۈرئىتى ناھايىتى تېز، بولغاچقا ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ھەرخىل ئىنكاسلارنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. بۇ مەزگىلدە ۋېتامىنB، ئانئورگانىك تۇز، ئاسان ھەزىم بولىدىغان يېمەكلىكلەر، يەنى دانلىق ئاشلىقلار، مېۋە كۆكتات قاتارلىقلارنى ئاساس قىلىپ ئىستېمال قىلىش، قەنت تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بېرىشى لازىم.
ھامىلىدارلىقنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدە (4~7 ئايلىق) ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى بىر قەدەر تېز، تەن ھەجىمىمۇ كۆرۈنەرلىك چوڭىيىدۇ. ھامىلىدار ئايال سەرپ قىلىدىغان ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى ۋە موھتاج بولىدىغان ئاقسىل ئادەتتىكى ئادەملەرگە قارىغاندا %10~%20 گىچە يۇقىرى بولىدۇ. شۇنداقلا ھامىلىنىڭ ھەر قايسى ئەزا ئورگان، سىستېمىلىرى بۆلۈنۈش مەزگىلىدە تۇرغانلىقتىن ئوزۇقلىنىشنى چوقۇم كۈچەيتىش كېرەك. مەسىلەن: سۈت، تۇخۇم، گۆش، پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر ۋە كۆكتات-مېۋىلەرنى ئاساسلىق ئىستېمال قىلىش، ئەمما ياغ تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىش كېرەك.
 ھامىلىدارلىقنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدىكى (8~10 ئايلىق) ھامىلىنىڭ تەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشى ئەڭ تېز بولىدۇ، يەنى سۆڭەكلەرنىڭ تەرەققىي قىلىشى، ياغلارنىڭ توپلىنىشى، قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، شۇڭا ھامىلىدار ئايال يېتەرلىك مىقداردىكى كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، ئاقسىل تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغاندىن سىرت، يەنە ياغ تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىشى كېرەك. ئەڭ مۇھىمى كالتسىي، تۆمۈر، سىنك ، فوسفور قاتارلىق مىكرو ئېلېمېنتلارنى تولۇقلىشى كېرەك. مەسىلەن: ھايۋانلارنىڭ جىگىرى، يېڭى دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، ئۇستىخان شورپىسى قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بېرىش كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى