ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋىتى

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋىتى

ۋاقتى: 2016-01-04 ئاۋاتلىقى: 774 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتە پۈتۈنلەي پەرھىز تۇتۇشنىڭ ھاجىتى يوق بولسىمۇ، ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى ۋە ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى 3 ئېيىدا بالا ھەمرىيى بالىياتقۇ ئىچىدە تېخى تولۇق يېتىلىپ بولمىغاچقا، ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتە بالىياتقۇنىڭ قىسقىرىشى بىلەن ھامىلە ئاسانلا بويىدىن ئاجراپ كېتىدۇ.

 

ھامىلىدارلىق ئاخىرقى 3 ئېيىدا ھامىلە ئورنى تۆۋەنلەشكە باشلايدۇ، بالىياتقۇنىڭ ئېغىزىمۇ ئازراق ئېچىلىپ تۇرىدۇ. ئۇرۇق تەركىبىدىكى فېرمېنتلارنىڭ تەسىرىدىن مىكروب ئاسانلا بالىياتقۇ ئىچىگە كىرىپ، يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر بالا ھەمرىيى يۇقۇملانسا، ھامىلىگە قان يېتىشمەسلىك، ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر ھامىلە يۇقۇملىنىپ قالسا، ھامىلىنىڭ يېتىلىشى ياخشى بولماسلىق ياكى ھامىلە ئىچىدە ئۆلۈپ قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ھامىلىدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتە بولۇش بالىياتقۇ بوينىنى غىدىقلاپ، بالىياتقۇ قىسقىراپ بالدۇر تۇغۇپ قويۇشنى ياكى باش سۈيى يېرىلىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ھامىلىدارلىق ئوتتۇرا مەزگىلىدە گەرچە ھامىلىنىڭ بويىدىن ئاجراپ كېتىش خەۋپى ئازىيىپ، ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتە بولۇشقا بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا مۇۋاپىق كونترول قىلىش كېرەك. ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتمەسلىكى ۋە مۇۋاپىق بولۇشى لازىم. چۈنكى، ئاياللار ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن ئىچكى ئاجرالما ھورمۇنلىرى، ماددا ئالمىشىش ئىقتىدارى قاتارلىقلاردا ئۆزگىرىش بولۇپ، ئاسانلا چارچايدىغان بولۇپ قالىدۇ، ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەت ئىنكاسىمۇ تۆۋەنلەپ كېتىپتۇ. بۇ نورمال شۇنداقلا ۋاقىتلىق ئەھۋال، بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن ھەممە نەرسە ياخشى بولۇپ كېتىدۇ. شۇڭا ئەرلەر بۇنداق مەزگىلدە ئايالىنى چۈشىنىشى، دىلىنى رەنجىتمەسلىكى، ئاسرىشى، ئوماق پەرزەنتىنىڭ يورۇق دۇنياغا ساغلام كۆز ئېچىشى ئۈچۈن بىر مەزگىللىك نەپىسىدىن كېچىشى لازىم.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى