ھامىلىدارلار زۇكامداپ قالسا، راستىنلا دورا يېمەسلىكى كېرەكمۇ؟
ۋاقتى: 2016-06-02
ئاۋاتلىقى: 588 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
بەزى كىشىلەر ھامىلىدارلار يەڭگىگىچە ئامال بار ھەر قانداق دورىنى يېمەسلىكى كېرەك، دەپ قارايدۇ. ھامىلىدارلارنىڭ زۇكام بولۇشتىن ساقلىنىشى تەس. ھامىلىدار ئايال زۇكامداپ قالغان تۇرۇقلۇق دورا ئىچمىگەندە، زۇكامنىڭ ئۇزاققا سوزۇلۇپ كېتىشى ئېنىق. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئانا-بالىلار ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرخانىسى تۇغۇت بۆلىمىنىڭ مۇتەخەسسىسى دېڭ گۈيفېڭ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
ـ دەرۋەقە بەزى كىشىلەر «ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە دورا يېمەسلىك» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇۋېلىپ، دوختۇر يېزىپ بەرگەن دورىنىمۇ يېمەيدۇ. نەتىجىدە كېسىلى ئېغىرلاپ، بەدەندە يۇقۇملىنىش، ياللۇغلىنىش، ئىممۇنىتېت كۈچى ئاجىزلاش قاتارلىق سەۋەبلەردىن بولىدىغان قىزىش، ماغدۇرسىزلىنىش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، ھەزىم قىلىشى ناچارلىشىش، ئۇيقۇسىزلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، بۇ ئالامەتلەر بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك ھالدا ھامىلىنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ھامىلىدار بولۇپ تۆت ھەپتىدىن كېيىنلا ھامىلە ئاساسەن يېتىلىپ بولغاچقا، دورىلارنىڭ ھامىلىگە بولغان تەسىرى بەك زور بولۇپ كەتمەيدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئەگەر ئېھتىياجلىق بولغاندا، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورا ئىشلىتىش كېرەك. يەنە بىر مۇھىم نۇقتا شۇكى، ھامىلىدار بولۇشتىن كېيىنكى سالامەتلىكنى ئۇمۇميۈزلۈك تەكشۈرتۈپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئوزۇقلىنىش، ئارام ئېلىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.