ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلاردا ۋىتامىن D كەمچىل بولسا بالىنىڭ تىل قابىلىيىتىگە تەسىر يېتىدىكەن

ھامىلىدارلاردا ۋىتامىن D كەمچىل بولسا بالىنىڭ تىل قابىلىيىتىگە تەسىر يېتىدىكەن

ۋاقتى: 2013-03-23 ئاۋاتلىقى: 629 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھامىلىدارلاردا ۋىتامىن D كەمچىل بولسا بالىنىڭ تىل قابىلىيىتىگە تەسىر يېتىدىكەن


ئاۋسترالىيەدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھامىلىدارلاردا ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ۋىتامىن D  كەمچىل بولسا بالا چوڭ بولغاندا تىل قابىلىيىتىدە مەسىلە كۆرۈلىدىكەن.
ئىلگىرىكى تەتقىقاتلاردا، ھامىلىدارلاردا ۋىتامىن D كەمچىل بولسا، بالىنىڭ سۆڭەك يېتىلىشى ئاستا بولۇش، زىققا كېسىلىگە ئوڭاي گىرىپتار بولۇش ياكى بەدىنىنىڭ يېتىلىشى ناچار بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ دەپ كۆرسىتىلگەنىدى.
غەربىي ئاۋسترالىيە ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئامېرىكا «بالىلار كېسەللىرى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇلار 20 يىل بۇرۇن 700 دىن كۆپرەك ھامىلىدارنىڭ ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ۋىتامىن D مىقدارىنى تەكشۈرگەن. تەتقىقاتچىلار بەش يىلدىن ئون يىلغىچە ۋاقىتتىن كېيىن، بالىلارنىڭ ھەرىكەت، ھېسسىيات ۋە تىل قابىلىيىتىنىڭ يېتىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرگەن.
تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە قان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدە ۋىتامىن D مىقدارى تۆۋەنرەك ئاياللارنىڭ بالىلىرى قان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدە ۋىتامىن D مىقدارى يۇقىرىراق ئاياللارنىڭ بالىلىرىغا سېلىشتۇرغاندا تىل قابىلىيىتى جەھەتتە ئوڭاي توسالغۇغا ئۇچرىغان. ھەر لېتىر قان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدە 72-154 نانومول ۋىتامىن D بار ئانىلار ۋىتامىن D مىقدارى يۇقىرىراق ئانىلار ھېسابلىنىدىكەن، ھەر لېتىر قان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدە 15–46 نانومول ۋىتامىن D بار ئانىلار ۋىتامىن D مىقدارى تۆۋەنرەك ئانىلار ھېسابلىنىدىكەن.
تەتقىقات يېتەكچىسى ئاندرېۋ ۋىتخوس: ھامىلىدارلاردا ۋىتامىن D كەمچىل بولسا، بالا مېڭىسىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، بۇ، بالىنىڭ تىل قابىلىيىتىنىڭ يېتىلىشىگە توسالغۇ بولىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى