ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلە تەربىيەسى نېمە ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدۇ؟

ھامىلە تەربىيەسى نېمە ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدۇ؟

ۋاقتى: 2015-05-13 ئاۋاتلىقى: 648 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھامىلە تەربىيەسى تىلغا ئېلىنسىلا، ئاز بولمىغان كىشىلەر بۇ ئاتالغۇغا نىسبەتەن رەت قىلىش پوزىتسىيەسىنى بىلدۈرىشىدۇ.«تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن چوقۇم تەربىيە سىڭدۈرۈش كېرەكمۇ، مېنىڭ بالامنىڭ ئالاھىدە ئىقتىدارلىقلاردىن بولۇپ چىقىشىنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق.» دېيىشىدۇ.
ئەمەلىيەتتە، بۇ يەردە تىلغا ئېلىنىۋاتقىنى ھامىلىگە مەلۇم خىل بىلىمنى «ئۆگىتىش» ئەمەس، ئالاھىدە ئىقتىدارلىقلارنى تەربىيەلەش ئۇسۇلىمۇ ئەمەس. ھامىلە  ئانا قورسىقىدا، تۆرەلمە باسقۇچىدىن باشلاپ، بارا-بارا ھەر خىل ئىقتىدارلارنى ھازىرلاشقا باشلايدۇ. بۇ خىل ئىقتىدارلار بىزنىڭ تەسەۋۋۇرىمىزدىنمۇ ھالقىپ كېتىشى مۇمكىن. ئەمما بەزىلەر، گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، ئاتا-ئانىنىڭ ئېرسىي تەسىرى بالىنىڭ ئىقتىدارىنى مەلۇم دەرىجىدە بەلگىلەيدۇ دەپ قارايدۇ. بۇ خىل قاراشتىكىلەرگە ھامىلە تەربىيەسىنىڭ زۆرۈرىيىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈشتە، بىر ئانا بىر دادىدىن بولغان بالىلارنىڭ خىلمۇ-خىل مىجەز-خارەكتېرگە ئىگە بولۇشتەك تۇغما پەرقلەرنى نەقىل قىلىشىمىز مۇمكىن. ئەلۋەتتە تۇغۇلغاندىن كېيىنكى تۇرمۇش شارائىتى ئوخشاش بولمايدۇ. ئەمما بۇ يەردە تىلغا ئېلىنىۋاتقىنى تۇغما پەرقلەر. بەزى ئاتا-ئانىلارنىڭ مۇنداق بايانلىرىنىمۇ ئاڭلاپ قالىمىز: يەنى ئاكىسى تۇغۇلغان چاغدا جىم تۇرمايدىغان ئېمىشكە ئامراق؛ ئىنىسى بولسا يۇۋاشراق. ھەرىكەت قىلمايدىغان دېگەندەك. ئاكا-ئىنىدە ئوخشاشلا ئاتا-ئانىنىڭ ئېرسىي تەسىرى بار، يەنە نېمە ئۈچۈن ئالاھىدىلىكىدە پەرق بولىدۇ. بۇ ئانا قورسىقىدىكى چاغدىكى مۇھىتنىڭ ئوخشىماسلىقىدىن، يەنىمۇ ئىنچىكىرەك ئېيتقاندا ئانا ئۇچرىغان ھەر خىل تەسىرلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن بولىدۇ.
ھەممەيلەنگە مەلۇم، ئادەم تېنى سان-ساناقسىز ھۈجەيرىلەردىن تۈزۈلگەن. تەپسىلىيرەك دېگەندە، ئادەم تېنىدە، 6 تىرىليارد (60万亿) تىن ئارتۇق ھۈجەيرە بار. ھاياتلىق ئانا تېنىدە تۆرەلگەن چاغدا، ئاران بىرلا ھۈجەيرىدىن تەشكىل تاپىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ ھۈجەيرە شىددەت بىلەن بۆلۈنۈپ تېز سۈرئەتتە كۆپىيىدۇ. ھۈجەيرىنىڭ بۆلۈنۈشى بىلەن بىرگە، ھەر خىل ئىقتىدارلارنىڭ بىخ سۈرۈش ھەرىكىتىمۇ تەڭ قەدەمدە بولىدۇ. بۇ چاغدا ئانا قانداق تەسىرگە ئۇچرىسا، ھاياتلىقمۇ شۇنىڭغا ماس بولغان مۇھىتتا ئۆسۈپ يېتىلىدۇ. مۇھىتنىڭ ئوخشىماسلىقى بىلەن، كىچىك ھاياتلىقنىڭ ئۆسۈش ئۇسۇلى ۋە ئېرىشكەن ئىقتىدارلىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.
ھۈجەيرە بۆلۈنۈپ ئۆسۈش جەريانىدا، ئەگەر مەلۇم زىيان-زەخمەتكە ئۇچرىسا، مەيلى قانداق ئىقتىدارلىق ئېرسىي ئامىللارنى ھازىرلىغان تەقدىردىمۇ، ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرالىشى تەسكە توختايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھامىلە ئىقتىدارىنىڭ مول بولۇش مۇمكىنچىلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ياخشى ئۆسۈش شارائىتى ھازىرلىمىغاندا، بۇ خىل مۇمكىنچىلىكمۇ كەمتۈك بولۇپ قالىدۇ.
ھامىلە تەربىيەسى ھامىلىگە مەلۇم بىلىمنى ئۆگىتىپ قويۇش ئەمەس، بايا ئېيتقىنىمىزدەك، مول بولغان مۇمكىنچىلىكنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت. ھامىلە بولسا، ئۆزىنىڭ كۈچى بىلەن، تىرىشىپ-تىرمىشىپ ئۆز ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرىدۇ. يەنى مەلۇم ۋاقتى-سائىتى كەلگەندە ھامىلە قورساق ئىچىدە تۇرۇپ، ئاڭلايدۇ، تېرىسى بىلەن سېزىدۇ. ئاڭلىغىنى، ھېس قىلغىنىنى ئەستە ساقلايدۇ. يەنى دورايدىغىنى ئانىنىڭ ھەرىكەت، تاۋۇش، بەلگىلىرى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئانىنىڭ كۆرگىنى، پۇرىغىنى، ھېس قىلغىنى، كەيپىياتى قاتارلىقلاردىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھەممىسى ئىچكى ئاجراتمىلار ئارقىلىق ھامىلىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى 266 كۈندە، ھامىلە چوڭ مېڭە ھۈجەيرىسىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى مۇشۇ مەزگىلدە ئۆسۈپ يېتىلگەن بولىدۇ. تۇغۇلغاندىن كېيىن چوڭ مېڭە ھۈجەيرە سانى ئاشمايدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى