ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلە تەربىيەسى ھەققىدە

ھامىلە تەربىيەسى ھەققىدە

ۋاقتى: 2015-11-18 ئاۋاتلىقى: 692 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا، ھامىلە تەربىيىسى دېگىنىمىز، ھامىلىنىڭ فىزىيولوگىيىلىك ۋە پىسخىكىلىق تەرەققىياتىنى ساغلام ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرگە ھامىلىدارنىڭ ھامىلىدارلىق، تۇغۇت جەريانلىرىنى ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان  روھى جەھەتتىن، ئوزۇقلىنىش، مۇھىت قاتارلىق جەھەتلەردىن ئېلىپ بارىدىغان ساقلىقنى ساقلاش تەدبىرلىرىنى كۆرسىتىدۇ.
تار مەنىدىكى ھامىلە تەربىيەسى، ھامىلىنىڭ ھەرقايسى ئەزالىرىنىڭ يېتىلىش ئەمىلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، قاراتمىلىق ھالدا، ئاكتىپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھامىلىگە مۇۋاپىق غىدىقلاش ئۇچۇرى بېرىپ، ھامىلىدە شەرتلىك رېفلىكىس قوزغاش ئارقىلىق، چوڭ مېڭە، بەدەن ھەرىكەت ئىقتىدارى، سەزگۈ ئەزالار ھەمدە نېرۋا سىستېمىسىنىڭ پىششىپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت.    
ھامىلە تەربىيەسى دېگىنىمىز، ھامىلىدار بولۇپ 28 ھەپتە بولغاندا ۋە تۇغۇتتىن كېيىنكى يەتتە كۈننى  ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋاقىتتىكى تەربىيەنى كۆرسىتىدۇ. ھامىلە تەربىيەسى بولسا ھامىلىدار ئاياللارنىڭ مەنىۋى پائالىيىتى ئارقىلىق، ھامىلىنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر كۆرسىتىشنى كۆرسىتىدۇ. ھامىلىدار ئاياللارنىڭ پسىخىكا ھالىتى ۋە روھىي كەيپىياتى ھامىلىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەگەر ھامىلىدار ئاياللار ئازابلانسا، قايغۇرسا، غەزەبلەنسە، روھىي جەھەتتە بېسىم ھېس قىلسا، بەدەن ئىچىدىكى ئايلىنىش ۋە ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. ئانىنىڭ تېنى خەۋپكە ئۇچراپ، ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىمۇ تەسىرگە ئۇچرايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بويىدىن ئاجراش، ئاي-كۈنى توشماي تۇغۇش، ھەتتا ھامىلىنىڭ غەيرىي بولۇپ قېلىشى قاتارلىق ھادىسىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى