ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ئەمچەك ئاسراش

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ئەمچەك ئاسراش

ۋاقتى: 2015-06-24 ئاۋاتلىقى: 708 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھەممىگە مەلۇم، ئانا سۈتى بوۋاقلارنىڭ ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئۇزۇقلۇقى. بالىنى ئانا سۈتىگە ئوبدان قاندۇرۇش ئۈچۈن، ھامىلدارلىق مەزگىلىدىن باشلاپلا بەزى تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشەشكە توغرا كېلىدۇ: 
1. ھامىلدار بولغاندىن باشلاپ، ئەمچەك كۈنسېرى يوغىناشقا باشلايدۇ، ئەمچەكنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر يەتمەسلىك ئۈچۈن، بەك تار كىيىملەرنى كىيىۋالماسلىق، مۇۋاپىق باغىرداق ئىشىلتىش لازىم.
2. ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئاياللارنىڭ تېرە ياغ بېزى ئاجرالمىلىرى  كۆپىيىپ، ئەمچەك توپچىسى قاقاچلىشىپ قالىدۇ. ئۇنى مەجبۇرىي يۇيۇپ چىقىرىۋېتىشكە ئۇرۇنۇش ئەمچەك تېرىسىنى زەخمىلەندۈرۈپ قويىدۇ. شۇڭا، ئاۋۋال ئازراق ئۆسۈملۇك يېغى (خاسىڭ يېغى، پۇرچاق يېغى قاتارلىقلار) نى سۈرۈپ يۇمشاتقاندىن كېيىن، ئاندىن تازىلاش كېرەك.
3. ھامىلدارلىقنڭ 3-، 5-ئېيىدىن باشلاپ، ھەر كۈنى ئەمچەكنى ھۆل لۈڭگە بىلەن ئازراق سۇپۇن سۈرۈپ ئېرتىپ بەرگەندە، ئەمچەكنىڭ ئىلاستىكىلىقى ئاشىدۇ. سىرىتقى تېرىسى قېلىنلاپ، تۇغۇتىن كېيىنكى بالا ئەمدۈرۈش جەريانىدىكى ئەمچەك توپچىسى يېرىلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
4. ئەمچەك توپچىسى قىسقا ياكى ئەمچەك توپچىسى ئىچىگە كىرىپ تۇرىدىغانلار باش بارمىقى ۋە كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ئەمچەكنىڭ ئىككى يېنىنى چىڭ بېسىپ تۇرۇپ، يەنە بىر قولى بىلەن ئەمچەك توپچىسىنى سىرتقا بوش تارتىپ بەرسە، كۈنىگە 10-20 قېتىم داۋاملاشتۇرسا، بىر قانچە ئايدىن كېيىن ئەمچەك توپچىسى يوغىنايدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى