ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىقنىڭ 6-ھەپتىسىدىكى ھامىلىنىڭ يېتىلىش ئەھۋالى

ھامىلىدارلىقنىڭ 6-ھەپتىسىدىكى ھامىلىنىڭ يېتىلىش ئەھۋالى

ۋاقتى: 2016-03-28 ئاۋاتلىقى: 771 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

تۆرەلمىنىڭ ھەر قايسى ئەزالىرىنىڭ بۆلۈنۈپ شەكىلگە كىرىشىگە ئەگىشىپ، بوۋاقنىڭ بەدىنىنىڭ ھەر قايسى قىسىملىرى ۋە ئىچكى ئەزالىرىنىڭ ھۈجەيرىلىرىمۇ شىددەت بىلەن بۆلۈنۈشكە باشلايدۇ. (ھازىر تۆرەلمە كىچىك ياپىلاق پۇرچاق چوڭلۇقىدا بولۇپ، 4~5 مىللىمېتىر چوڭلۇقتا بولىدۇ.
مۇبادا سىز ھازىر بالىياتقۇڭىزنىڭ تېنىنى كۆرەلىگەن بولسىڭىز ئىدى، ئىنتايىن چوڭ بىر باشنى كۆرگەن بولاتتىڭىز. لېكىن بۇ باشتا تېخى كۆز ۋە بۇرۇننىڭ ئورنىدا پەقەت بىر كىچىك قارا چېكىتلا كۆرۈنىدۇ. باشنىڭ ئىككى يېقىدىكى قۇلاقنىڭ ئورنىدا كىچىك تېيىز ئورەك بولىدۇ، بېلەك ۋە پۇتلىرى پەقەتلا كىچىك بىختەك بولىدۇ. ئۇنىڭ قول ۋە پۇتلىرى قارىماققا قۇلۇلىگە ئوخشاش بارماقلىرى ئارىسىدا قېلىن پەردە بولىدۇ، لېكىن ئۇزاققا قالمايلا، ھامىلىنىڭ پۇت-قول بارماقلىرى روشەن گەۋدىلىنىشكە باشلايدۇ. كېيىن تەرەققىي قىلىپ بوۋاقنىڭ ئېغىزىغا ئايلىنىدىغان (تىل ۋە ئاۋاز پەردىسى شەكىلگە كىرىشكە باشلايدۇ) لەۋنىڭ ئورنىدا ئاستىراق تەرىپىدە كىچىك قورۇقچىلار پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ، بۇ يەر كېيىن تەرەققىي قىلىپ بويۇن ۋە ئېڭەك يېتىلىدۇ.


ھازىر ھامىلىنىڭ يۈرىكىنىڭ (بۆلۈنۈپ ئوڭ، سول ئىككى دالانىچىغا ئايرىلىشقا باشلايدۇ) ھەر مىنۇتلۇق يۈرەك سوقۇشى 100-130 قېتىمغا يېتىدۇ. بۇ تەخمىنەن سىزنىڭ يۈرەك سوقۇشىڭىزنىڭ 2 ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدۇ. ھامىلىنىڭ قېنى پۈتۈن بەدىنىدە ئايلىنىشقا باشلايدۇ. ھامىلىنىڭ ئۈچەي يولى تەرەققىي قىلىشقا باشلايدۇ، كىچىككىنە نەپەسلىنىش يولىدا كېيىن تەرەققىي قىلىپ ئۆپكىگە ئايلىندىغان قىسىمى گەۋدىلىنىشكە باشلايدۇ. ھازىر ھامىلە ئاللىبۇرۇن مۇسكۇل تالالىرىنى تۈزەشكە باشلايدۇ، بۇ ھەپتىنىڭ ئوتتۇرىسىغا بارغاندا، ئۇ ئېھتىمال كىچىككىنە پۇت قوللىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈشكە باشلايدۇ. بىراق سىز سەل سەۋىرچان بولۇشىڭىز كېرەك: بەلكىم ھامىلىدارلىقنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدىكى بىر قانچە ھەپتىگە بارغاندىن كېيىنلا، سىز ئاندىن ھامىلىڭىزنىڭ مىدىرلاۋاتقىنىنى ھېس قىلالىشىڭىز مۇمكىن.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى