ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىقنىڭ 7- ھەپتىسىدىكى ھامىلە تەرەققىيات ئەھۋالى

ھامىلىدارلىقنىڭ 7- ھەپتىسىدىكى ھامىلە تەرەققىيات ئەھۋالى

ۋاقتى: 2016-03-12 ئاۋاتلىقى: 571 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھامىلىدارلىقنىڭ يەتتىنچى ھەپتىسىدىكى ھامىلە رەسىمى 
بالىڭىزدا قارىماققا قۇيرۇققا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر نەرسە بولسا (ئەمەلىيەتتە بۇ بولسا قۇيرۇق سۆڭىكىنىڭ داۋامى) ئۇ بىر نەچچە ھەپتىدىن كېيىن يوقاپ كېتىدۇ.  بۇ كىچىك قۇيرۇق بولسا بىردىنبىر ھامىلە چوڭايغانسېرى كىچىكلەيدىغان نەرسە.  ھازىر ھامىلە 1.3 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا،  تەخمىنەن بىر تال ئۈزۈم چوڭلۇقىدا.  ئۇنىڭدا ئاللىبۇرۇن جەينەك بوغۇمى شەكىللەنگەن بولىدۇ ۋە ئېنىق كۆرۈنىدۇ،  ئازراق تۇتاش بولغان بارماق پۇتلىرى بولىدۇ.  ئۇنىڭ بېشى نىسپىي بولمىغان ھالەتتە چوڭ بولۇپ باش ئىچىدىكى ئىككى تال چوڭ مېڭە يېرىم شارى تەرەققىي قىلىۋاتقان بولىدۇ.  ئۇنىڭ چىشى بىلەن ئېغىز بوشلۇق ئىچكى تۈزۈلۈشى شەكىلگە كىرىدۇ،  قۇلىقىمۇ داۋاملىق تەرەققىي قىلىدۇ.  ئۇنىڭ كۆزى ئازراق رەڭگە كىرگەن بولۇپ ، بىراق بىر قىسمىنى قاپىقى توسۇۋالغان بولىدۇ.  ئۇنىڭ بۇرنىنىڭ ئۇچى ئەمدى شەكىللىنىۋاتقان بولۇپ،  كەلگۈسىدە سىز چوقۇم مەسلىكىڭىز كېلىپ ئۇنى چىمدىۋالىسىز. تېرىسى ناھايىتى نېپىز بولۇپ،  قان تومۇرىنى كۆرگىلى بولىدۇ. 
سىزنىڭ بوۋىقىڭىزنىڭ سوقۇر ئۈچىيى بىلەن ئاشقازان ئاستى بېزى ئاللىبۇرۇن ئۆسۈپ چىققان بولۇپ،  ئاشقازان ئاستى بېزى ئىنسۇلىن ئاجرىتىپ چىقىرىپ ھەزىمگە ياردەم بېرىدۇ.  ئۇنىڭ جىگىرى قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى ئىشلەپ چىقىرىدۇ،  بىر قىسىم ئۈچەي بۆلىكى ئاللىبۇرۇن كىندىكىگە بۆسۈپ كىرىشكە باشلىغان بولۇپ،  كىندىكتە ھازىر ئاللىبۇرۇن ئېنىق بولغان قان تومۇر بار،  ھەم ھامىلە تېنىگە ئوزۇقلۇق ۋە ئوكسىگېن توشۇشقا باشلايدۇ.  ھامىلىدە بىر قۇيرۇق بولۇپ،  (ئەمەلىيەتتە ئومۇرتقا قۇيرۇق سۆڭىكىنىڭ داۋامى) بىراق ئۇ بىر نەچچە ھەپتىدىن كېيىن يوقاپ كېتىدۇ.  سىز يەنىلا ھامىلىنىڭ مىدىرلىغانلىقىنى ھېس قىلالمايسىز،  بىراق سىزنىڭ ئۇ كىچىك پۇرچىقىڭىز پات-پات ئۆزىنىڭ «ھۆل ئۆيىدە» تۆت ئەتراپقا مىدىرلايدۇ. 
تۆۋەندىكىسى ھامىلىنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىنىڭ تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلۇشى،  ھامىلىدارلىقنىڭ يەتتىنچى ھەپتىسىدىكى ھامىلە رەسىمى بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرۈشكە بولىدۇ. 
قاپاق:  بۇ ۋاقىتتا بوۋاقنىڭ قاپىقى بىر قىسىم كۆز قارىچۇقىنى توسۇۋالىدۇ. 
كىندىك:  ھامىلىنىڭ يېتىلىۋاتقان كىندىكىنىڭ بىر قىسمى بۆرتۈپ چىقىپ كىندىك بېغىشىغا كىرىدۇ. 
قۇيرۇق سۆڭىكى:  ھامىلىنىڭ بەدىنىدە شەكلى قۇيرۇققا ئوخشايدىغان بىر نەرسە بولۇپ،  ئەمەلىيەتتە ئۇزارغان قۇيرۇق سۆڭىكى،  بىر قانچە ھەپتىدىن كېيىن يوقاپ كېتىدۇ. 
دوۋساق:  سىز ناھايىتى تېزلا سۈيدۈك قېتىمىنىڭ كۆپەيگەنلىكىگە دىققەت قىلىسىز.  بۇ بەدەندىكى قان ئايلىنىش قېتىمى كۆپەيگەنلىكتىن بولىدۇ،  كۆپ مىقداردا بەدەن سۇيۇقلۇقى ھاسىل بولۇپ،  ھەم ئەڭ ئاخىرىدا دوۋساققا كىرىپ،  سۈيدۈكنى ھاسىل قىلىدۇ. 

Tags:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى