ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىقنىڭ 8-ھەپتىسىدە ھامىلىدار ئايالنىڭ تېنىدە كۆرۈلىدىغان ئۆزگىرىشلەر

ھامىلىدارلىقنىڭ 8-ھەپتىسىدە ھامىلىدار ئايالنىڭ تېنىدە كۆرۈلىدىغان ئۆزگىرىشلەر

ۋاقتى: 2016-07-06 ئاۋاتلىقى: 462 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھامىلىدار بولغاندىن باشلاپ ھامىلىدارلىقنىڭ سەككىزىنچى ھەپتىسىگىچە بالىياتقۇ تېز سۈرئەتتە ئۆسۈپ كېڭەيگەنلىكتىن،  ئېھتىمال سىز بىرىنچى قېتىم قورسىقىڭىزنىڭ ئاغرىغانلىقىنى ھېس قىلىشىڭىز مۇمكىن.  ئەنسىرەش ھاجەتسىز،  بۇ باسقۇچتا داس سۆڭىكىنىڭ ھەرقانداق بىر تەرىپى ئاغرىسا نورمال بولىدۇ،  بولۇپمۇ بەلنى تولغىغاندا ياكى ئورنىدىن تۇرغاندا روشەن بولىدۇ.  گەرچە سىزنىڭ قورسىقىڭىز قارىماققا تۈز بولسىمۇ،  ئەمەلىيەتتە سىزنىڭ بالىياتقۇڭىز مۇشتۇمدەك چوڭلۇقتا بولغان بولىدۇ،  ئۇزۇن-قىسقىلىقى بەش سانتىمېتىر ئەتراپىدا،  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ ناھايىتى يۇمشاق بولۇپ كېتىدۇ،  جىنسىي يول دىۋارى بىلەن بالىياتقۇ بوينى قان تولغانلىقتىن يۇمشايدۇ،  بۇمۇ قورساقتا ئاغرىش پەيدا قىلىدىغان سەۋەبىنىڭ بىرى. 

سەككىز ھەپتىلىك ھامىلىدارلىق بولسا ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى قۇسۇش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش مۇمكىنچىلىكى ئەڭ چوڭ بولغان ۋاقتى.  قۇسۇشنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى بىلەن ھورمۇن مىقدارى ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ،  كۆپ كېزەكلىك ھامىلىدار بولغان ھامىلىدار ئايالنىڭ تېخىمۇ قۇسقۇسى كېلىدۇ.  بۇنىڭدىن باشقا سىز پۇراققا نىسبەتەن تېخىمۇ سەزگۈرلىشىپ كېتىسىز،  ئاشقازانمۇ سەزگۈرلىشىشىكە باشلايدۇ،  بۇلارمۇ ئەتىگەندە قۇسۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەردۇر. 

Tags:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى