ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ھامىلىدار ئايالنىڭ بىخەتەرلىكى توغرىسىدا بىر نەچچە تۈرلۈك ئۆلچەم

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ھامىلىدار ئايالنىڭ بىخەتەرلىكى توغرىسىدا بىر نەچچە تۈرلۈك ئۆلچەم

ۋاقتى: 2015-03-12 ئاۋاتلىقى: 827 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بىخەتەرلىك مەسلىھەتلىرى: 
بىرىنچى، مۇنتىزىم بولغان بېزەكچىلىك شىركىتىنى تاللاش كېرەك. بولۇپمۇ ئۆي ئىچى مۇھىتىغا ئەھمىيەت بېرىدىغان شىركەتنى تاللاشقا دىققەت قىلىش كېرەك. ھەم بېزەش توختامنامىسىنى تۈزگەندە ئۆي ئىچى مۇھىتىغا بولغان تەلەپلەرنى ئېنىق ئىزاھلاش كېرەك. 
ئىككىنچى، بېزەش جەريانىدا ئىمكانقەدەر دۆلەتنىڭ ئۆلچىمىگە مۇۋاپىق بولغان بېزەش ماتېرىياللىرىنى ئىشلىتىش كېرەك. بۇنداق قىلىش ئۆي ئىچى ھاۋاسىدىكى زىيانلىق گازنى ئازايتىشنىڭ ئاساسى. 
ئۈچنىچى، ئائىلە سايمانلىرىنى سېتىۋالغاندا، مۇنتىزىم كارخانا ئىشلەپچىقارغان داڭلىق ماركىلىق ئائىلە سايمانلىرىنى تاللاپ سېتىۋېلىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا غىدىقلىنىشچان پۇراق ئاز بولغان بۇيۇمنى تاللاشقا دىققەت قىلىش كېرەك. چۈنكى غىدىقلىنىشچان پۇراق كۈچلۈك بولسا زىيانلىق گازنىڭ قويۇپ بېرىلىش مىقدارىمۇ كۆپ بولىدۇ. شارائىتى بار ئائىلىلەر يېڭى سېتىۋالغان ئائىلە سايمانلىرىنى بىر مەزگىل بوش قويۇپ ئاندىن ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ. 
تۆتىنچى، ئەمدىلا بېزەپ بولغان ئۆيگە دەرھال كۆچۈپ كىرىشكە بولمايدۇ. بىر مەزگىل ماتېرىيالدىن چىققان زىيانلىق گازلارنى تارقىتىش كېرەك. 
بەشىنچى، ئۆي سېتىۋالغاندا ئورنىغا، باھاسىغا، قۇرۇلمىسىغا قاراپ قالماستىن يەنە ئۆي ئىچى مۇھىتى ئەھۋالىغىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك.  
ئالتىنچى، ئۆي ئىچى ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك، بۇ ئۆي ئىچىدىكى زەھەرلىك گازنى تازىلاشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى ياكى ئۆي سىرتىدىكى ھاۋا ياخشى ۋاقىتتا دېرىزىنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇپ تۇرسىمۇ ئۆي ئىچىدىكى زىيانلىق گازنىڭ تارقىلىشىغا ۋە چىقىرىلىشىغا پايدىلىق. 
يەتتىنچى، ئۆي ئىچىگە گۈللەرنى ئۆستۈرۈشنىڭمۇ زور پايدىسى بار، ئۆي ئىچىدىكى زىيانلىق گازنىڭ قويۇقلۇقىنى تۆۋەنلىتىدۇ. كۆپچىلىك سىناپ باقسا زىيىنى يوق. 
سەككىزىنچى، ئۈنۈمى جەزىملەشتۈرۈلگەن ئۆي ئىچى تازىلىغۇچى ۋە ھاۋا ئالماشتۇرۇش ئۈسكۈنىسىنى ئىشلەتسە بولىدۇ. 
توققۇزىنچى، ئۆي ئىچىدە تاماكا چېكىشنى ئىمكانقەدەر ئازايتىش ياكى توسۇش كېرەك. ئۆي ئىچىدە تاماكا چېكىش ئۆي ئىچىدىكى زىيانلىق گازنىڭ زىيىنى ئېغىرلىتىدۇ. بالىلار، ھامىلىدار ئايال ۋە ياشانغانلار بار ئۆيدە تېخىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك. 
ئونىنچى، ئۆي ئىچى مۇھىتىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش مۇتەخەسسىسلىرىنى تەكلىپ قىلىپ تەكشۈرۈپ ئۆلچەش ئېلىپ بېرىپ، ئۆي ئىچى ھاۋاسىدىكى زىيانلىق گازلارنىڭ ئۆلچەمدىن ئېشىش دەرىجىسىنى چۈشىنىپ مۇۋاپىق تىزگىنلەش تەدبىرىنى قوللانسا بولىدۇ. ئۆي ئىچى مۇھىتىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش مەركىزىدە بىر قىسىم ئۆي ئىچى زىيانلىق گازنى تۆۋەنلىتىش تەدبىرى ۋە تىزگىنلەش ئۇسۇلى بار، ئۆي ئىچى ھاۋاسىنىڭ بۇلغىنىش دەرىجىسىگە ئاساسەن تاللاپ قوللانسا بولىدۇ. 
ئون تۆتىنچى، تاماكىدىن يىراق تۇرۇش
تاماكا تەركىبىدىكى نىكوتىن قاتارلىق خىمىيىلىك ماددىلار تاماكا چەككۈچىنىڭ بەدىنىدە يىغىلىۋالىدۇ. تاماكا كۆيگەندىكى ئىس-تۈتەك تەركىبىدىكى 500 خىلدىن ئارتۇق زىيانلىق ماددىلار ئىنسانلارنى ئاستا خاراكتېرلىك كاناي ياللۇغى، ئۆپكە گازلىق ئىششىقى، يۈرەك-قان تومۇر كېسەللىكى، ئۆپكە راكى قاتارلىق كېسەللەرگە گىرىپتار قىلىدۇ. 
 تاماكا چېكىش ئادەملەر سالامەتلىكىگە تەھدىت سېلىۋاتقان ئامىللارنىڭ بىرى، ھازىرقى ئىجتىمائىي ھادىسىدىن ئېلىپ ئېيتساق، ئەرلەر بارا-بارا تاماكا تاشلاۋاتىدۇ، ھەيران قالارلىقى شۇكى، ئايال تاماكا چەككۈچىلەر بارغانسىرى كۆپيىۋاتىدۇ. ئانا بولغۇچىغا ئاكتىپ تاماكا چېكىش ۋە ئىككىنچى قول تاماكا چېكىشنىڭ(تاماكا چەككۈچىنىڭ يېنىدا تۇرغان كىشى) زىيىنى ئوخشاشلا ئېغىر. بەزى ياش ئاياللار مەن ھامىلىدار بولغاندا تاماكا چەكمىسەملا بولىدۇ، دەيدۇ. بىراق تاماكا چېكىشنىڭ زىيىنىنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك ئىكەنلىكىنى، ئۇزاق مەزگىل تاماكا چەككەن ئايال گەرچە قىسقا ۋاقىت تاماكا چەكمىسىمۇ بەدىنىدە خەتەرلىك مولىكۇلىنىڭ يوشۇرۇن ساقلىنىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. تاماكا ئىسى بۇرۇن بوشلۇقى ئارقىلىق ئۆپكىگە كىرىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم زىيانلىق ماددا ئۆپكە ئىچىدە ساقلىنىپ قالىدۇ. يەنە بىر قىسمى ئايلىنىش سىستېمىسى ئارقىلىق پۈتۈن بەدەنگە تارقىلىدۇ. شۇنداق بىر مۇھىتقا ماسلىشىۋېلىپلا بۇزغۇنچىلىق ھەرىكىتىنى باشلايدۇ. تېببىي ئىلىم ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق ئەربابلارنىڭ ئېيتىشىچە، تاماكا كۆيگەندىن كېيىنكى زەھەرلىك تەركىبنىڭ 50 خىلدىن ئارتۇقراقى ھامىلىدار ئايال ۋە ھامىلىگە زىيانلىق ئىكەن. ھامىلىنىڭ يېتىلىشىنىڭ ئاستا بولۇشى ۋە ئېغىرلىقىنىڭ ھەددىدىن زىيادە يېنىك بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندىن سىرت يەنە تۇغما كەمتۈكلۈك، بالدۇر تۇغۇش، بالا چۈشۈپ كېتىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 
ھامىلىدار ئايال ئالدى بىلەن ئۆزى تاماكا چەكمەسلىكى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دادا بولغۇچىنىڭمۇ تاماكا چېكىشىگە يول قويماسلىقى، تاماكا ئىسى قويۇق بولغان كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا ئاز بېرىش ياكى بارماسلىقى كېرەك. ھامىلە مەزگىلىدىكى ھامىلىگە پاكىز بولغان تۇرمۇش مۇھىتىنى ھازىرلاپ بېرىش لازىم. بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىن تېخىمۇ تاماكا چەكمەسلىكى كېرەك، ئەگەر تاماكا تاشلىيالمىسا بوۋىقىغا بولغان زىيىنى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ. 
ئون بەشىنچى، پايدىلىق بولغان جىنسى تۇرمۇش 
تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، مۇۋاپىق بولغان جىنسىي تۇرمۇش ئەر-ئايالنىڭ ھېسسىياتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا، ھامىلىدار ئايالنىڭ كەيپىياتىنىڭ ياخشى بولۇشىغا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن يەنە ھامىلىنىڭ ئانا تېنىدە پىشىپ يېتىلىشىگە پايدىسى بار، بىراق ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە جىنسىي تۇرمۇشنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشقا دىققەت قىلىش كېرەك.  
ھامىلىدار بولۇپ دەسلەپكى ئۈچ ئايدا ئىمكانقەدەر جىنسىي تۇرمۇشتىن ساقلىنىش كېرەك، بالا ھەمرىيى تېخى تولۇق يېتىلىپ بولالمايدۇ، تۆرەلمە ئانا بالىياتقۇسىغا مۇستەھكەم يېپىشالمىغان. ھەر ۋاقىت چۈشۈپ كېتىش خەۋپى بار. جىنسىي تۇرمۇش بالىياتقۇ بوينى ۋە جىنسىي يولنى مىخانىك غىدىقلاشقا ئۇچرىتىدۇ. قورساق قىسمىنى سىقىدۇ، بۇ مىخانىك كۈچلەر بالىياتقۇنى كۈچلۈك تارتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەرلەرنىڭ ئىسپېرما سۇيۇقلۇقى بالىياتقۇ مۇسكۇللىرىنى كەڭ كۆلەمدە قىسقىرىشىنى ياكى بوشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئىسپېرما سۇيۇقلۇقى تەركىبىدە يەنە مەزى بەز ھورمۇنى قاتارلىق ماددىلار بولۇپ، ئاسانلا بالا چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 
2. ھامىلىدارلىق ئوتتۇرا مەزگىلدىكى جىنسى تۇرمۇش بىر قەدەر بىخەتەر. بىراق يەنىلا تىزگىنلىنىش كېرەك. ھەرىكەت بەك قوپال بولماسلىقى كېرەك. ئەگەر ھامىلىدار ئايالنىڭ جىنسىي ھەۋىسى بولسا، بۇ پۈتۈن بەدەننىڭ جىنسىي سالامەتلىكىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ھامىلىدار ئايالدا پۈتۈن فىزىيولوگىيە ۋە روھى ھالەت جەھەتتە ئېغىر ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ، شۇڭا كۆپىنچە ھامىلىدار ئايالنىڭ جىنسىي ھەۋىسى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. جىنسى تۇرمۇش قىياپىتىگە دىققەت قىلىش لازىم. ھامىلىدار ئايالنىڭ قورساق قىسمىنىڭ بېسىلىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش لازىم. ھەرىكەت سىلىق بولۇشى، جىنسىي مۇناسىۋەت ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولماسلىقى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جىنسىي تۇرمۇش ئالدى-كەينىدىكى تازىلىققا دىققەت قىلىش لازىم. 
3. تۇغۇت ئالدىدىكى ئۈچ ئايدا جىنسىي تۇرمۇشتىن قەتئىي ساقلىنىش لازىم. 
چۈنكى يېتىلگەن تۆرەلمىنىڭ ئۆزىنىڭ بوشىنىش ئېھتىماللىقى بار. بۇ ۋاقىتتا جىنسىي تۇرمۇش بالىياتقۇنى تارايتىپ، ھامىلە پەردىسىنىڭ بالدۇر بۇزۇلۇشىنى ۋە بالدۇر تۇغۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مۆلچەرىلەنگەن تۇغۇت ۋاقتىغا قانچە يېقىنلاشقانسىرى تۇغۇت يولىدىكى تەمىنلىنىدىغان قان شۇنچە كۆپيىپ كېتىدۇ. جىنسىي يول ئىچىدە ئەسلىدىنلا كۆپلىگەن مىكروبلار پارازىت ياشايدىغان بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا ھامىلىدار ئايالنىڭ قارشىلىق كۈچى تۆۋەنلەپ يۇقۇملىنىش خەتىرىنى يۇقۇرلىتىۋېتىدۇ. ئەگەر ھامىلىدار ئايالدا ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە بىنورمال ئەھۋاللار كۆرۈلسە مەسىلەن، ئالدىغا ئورۇنلاشقان بالا ھەمرايى، بالا ھەمرايى بالدۇر سويۇلۇش قاتارلىق ئەھۋاللار ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىنماي تۇرۇپ يېنىكلىك بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئېلىپ بېرىۋەرسە، ھامىلىدار ئايالنىڭ بالىياتقۇسىدىن كۆپ قان چىقىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 
ئىلگىرى تەبىئىي بالا چۈشۈپ كەتكۈچى، بالدۇر تۇغۇش، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە جىنسىي يول قاناش، ھامىلىدارلىق يۇقىرى قان بېسىم بىرلەشمە كېسىلى قاتارلىق ئەھۋاللار بار بولغان ھامىلىدار ئاياللار، يەنە يۈرەك، يۇقىرى قان بېسىمى، قەنت كېسىلى بار ھامىلىدار ئاياللار پۈتۈن ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە جىنسىي تۇرمۇشتىن ساقلىنىش كېرەك. 
ئون ئالتىنچى، يوشۇرۇن كۆزەينەك 
يوشۇرۇن كۆزەينەك بولسا كۆزنىڭ ئالدى تەرىپىدىكى بېرىكتۈرگۈچى پەردە ئۈستىگە تاقىلىدىغان نۇر سۇندۇرۇش نورمالسىزلىقىنى توغۇرلايدىغان، كۆزنى چىمچىقلاتقان ۋاقىتتا كۆز يېشى ئورنىغا ئالماشتۇرىدىغان، مۈڭگۈز پەردىنى ئوكسىگىنغا ئېرىشتۈرىدىغان ھەم مىتابولىزم ھاسىلاتىنى بېرىكتۈرىدىغان ھەم چىقىرىپ تاشلايدىغان مەھسۇلات. شۇڭا مۈڭگۈز پەردە بېرىكتۈرگۈچى پەردىنىڭ قۇرۇلمىسى ھەم ياش سۇيۇقلۇقىنىڭ خۇسۇسىيتى ۋە مىقدارى ھەممىسى يوشۇرۇن كۆزەينەك تاقىغاندا ھوزۇرلۇق ھېس قىلىش-قىلماسلىق بىلەن ئىنتايىن چوڭ مۇناسىۋىتى بار. بۇ قۇرۇلما ۋە فونكىسىيىلەرنىڭ ھەممىسى ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە تەسىرگە ئۇچرايدۇ. 
ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە بەدەن ئېغىرلىقى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 11 كىلوگرام يۇقىرىلايدۇ، ھەم بەدەن ئىچىدە تەخمىنەن 6.5 كىلوگرام سۇ زاپاس ساقلىنىدۇ. مۈڭگۈز پەردىنىڭ %70 سۇيۇقلۇقى بار، شۇڭا ئۇ بولسا كۆز ئالمىسىنىڭ ئالدىدىكى يېرىم قىسمى ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى كۆپەيگەن سۇنىڭ تەسىرىگە كۆپ ئۇچرايدىغان بىر قىسمى. تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە مۈڭگۈز پەردىنىڭ قېلىنلىقى تەخمىنەن %30 يۇقىرىلايدىكەن. ھەمدە ھامىلىدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىگە يېقىنلاشقانسېرى مۈڭگۈز پەردىنىڭ قېلىنلىقىنىڭ ئېشىشى تېخىمۇ روشەن بولىدىكەن. 
يەنە بىر جەھەتتىن، مۈڭگۈز پەردىنىڭ سەزگۈرلۈك دەرىجىسى ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە تۆۋەنلەيدۇ. بۇ مۈڭگۈز پەردىنىڭ قېلىنلىق دەرىجىسى بىلەن مۇناسىۋەتسىز. بىراق مۈڭگۈز پەردە رېفلېكىسى ۋە كۆز ئالمىسىنى قوغداش فونكىسىيىسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال بالىنى تۇغقاندىن كېيىنكى 6 ھەپتىدىن 8 ھەپتىگىچە ئەسلىگە كېلىدۇ. مۈڭگۈز پەردىنىڭ ياي بۇلۇڭى ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ. بولۇپمۇ ھامىلىدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە تېخىمۇ روشەن بولىدۇ. مۈڭگۈز پەردە ياي بۇلۇڭىنىڭ ئۆزگىرىشى ئەسلىدە ماس كەلگەن يوشۇرۇن كۆز ئەينەكنى ماس كەلمەيدىغان قىلىپ قويىدۇ. 
ھامىلىدارلىق يەنە ياش پەردسىنىڭ خۇسۇسىيتى ۋە مىقدارىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھامىلىدارلىق ئاخىرقې مەزگىلدە تەخمىنەن %80 ھامىلىدار ئايالنڭ ياش سۇيۇقلىقىنڭ ئاجرىلىشى تۆۋەنلەيدۇ. (ئاساسلىقى سۇيۇقلۇق ئاجرىلىپ چىقىش يېتەرلىك بولمايدۇ، 
ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە كۆز قاپقىنڭ سۇلۇق ئششىق قەۋىتى كۆز قاپىقىنڭ ئاسان ياللۇغلىنشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ماي قەۋىتىنىڭ ئاجرلىنىشىنى بۇزۇپ، ياش سۇيۇقلۇقى پەردىسى ئىچىدىكى سۇيۇقلۇق قىسمىنى پارلاندۇرىدۇ. شۇڭا ياش سۇيۇقلۇقى پەردىسىنىڭ مىقدارىنىڭ ئازىيشى خۇسۇسىيىتىنىڭ تۇراقسىزلىقى. كۆز قۇرغاقلىشىش ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقرىپ يۇشۇرۇن كۆز ئەينەك تاقاشقا تەسىر يەتكۇزدۇ.                                                                                  ھامىلىدار بولۇشنىڭ كۆز بىرىكتۈرگۈچى پەردىگە بولغان تەسىرى 
   بىرىكتۈرگۈچى پەردىنىڭ قىل-قان تومۇرلىرىنى قالايمىقانلاشتۇرىدۇ ھەم تارايتىپ قان ئايلىنىشنى ئازايتىدۇ. كىرىستال تەنچىنىڭ سۇ سۇمۈرۈشچانلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپ كىرىستال تەنچىنىڭ ياي بۇلۇڭىنى تىكلەشتۈرۈپ، كۆزنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىك دەرىجىسنى ئاشۇرۇپ ئەسلىدە ماس كىلدىغان يۇشۇرۇن كۆز ئەينەك دەرىجىسىنى يەتمەيدىغان قىلىپ قويىدۇ. نەرسىلەرنى ئېنىق كۆرەلمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

تەخمىنەن %30 ھامىلىدار ئاياللار يوشۇرۇن كۆز ئەينەك تاقىغاندا مەسىلە كۆرۈلىدۇ. بۇ مەسىلىلەر ئاساسلىقى يوشۇرۇن كۆز ئەينەك تاقىغاندا ئازادە ھېس قىلالماسلىق (بولۇپمۇ قاتتىق شەكىلدىكى يوشۇرۇن كۆز ئەينەك)، ئۇنىڭدىن باشقا يوشۇرۇن كۆز ئەينەكنىڭ سىرتقى قىسمىدىكى شىلىمشىق ماددىسى ئېشىپ كەتكەندەك ھېس قىلىش ئاساسلىقى شىلىمشىق سۇيۇقلۇقنىڭ يىغىلىپ قېلىشى دائىم يوشۇرۇن كۆزەينەكنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلدۇرۇپ، تاقاپ يۈرگەن ۋاقىت ئادەتتىكىدىن قىسقا بولۇش قاتارلىقلار. شۇڭا ھامىلىدار ۋاقتىدا يوشۇرۇن كۆز ئەينەك تاقاش قېتىم سانى ۋە ۋاقىتنى ئازايتىش كېرەك، بولۇپمۇ كېيىنكى ئۈچ ئايدا. ئەڭ ياخشىسى، يوشۇرۇن كۆز ئەينەك تاقىماي ئورنىغا ئادەتتىكى كۆز ئەينەك تاقىيالايدىغان بولۇش كېرەك. 
ئەگەر ئادەتتە جازىلىق ئادەتتىكى كۆز ئەينەك تاقايدىغان بولسا، ھامىلىدار ۋاقتىدا يوشۇرۇن كۆز ئەينەككە ئالماشتۇرماسلىقى لازىم. ئەگەر بۇرۇندىن تاقاۋاتقان يوشۇرۇن كۆز ئەينەكتە ماسلىشالماسلىق كۆرۈلمىسە ھامىلىدارلىق دەسلەپكى مەزگىلىدە تاقاۋەرسە بولىدۇ. بىراق ئامال بار تاقاش ۋاقتىنى ئازايتىش، تازىلىق جەھەتتە كۈچەيتىش كېرەك. 
ئون يەتتىنچى:  ئەرمەك ھايۋانلار 
كۆپلىگەن ئانا بولغۇچىلارنىڭ ھەممىسى مۈشۈك، ئىت قاتارلىق ئائىلە ھايۋانلىرىنىڭ تۆرەلمىنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. بىراق، ئۆزىنىڭ ھامىلىدار ئىكەنلىكىنى بايقىغاندىن كېيىن بۇنداق ئوماق ھايۋانلارنى ئەخلەتكە ئوخشاش تاشلىۋېتەلمەيدۇ. 
بىراق سىز ئۇنى دوستىڭىزنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر ھويلىڭىز بولسا، ئۇنى ھويلىڭىزدا تۇرغۇزسىڭىز بولىدۇ. ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئۇلارنى قۇچاقلىماسلىق، سىلىماسلىق، ئۇلارنىڭ تەرىتى بىلەن ئۇچراشماسلىق كېرەك. ئەگەر ئۇلارنىڭ ھالىدىن ئۆزىڭىز خەۋەر ئېلىش توغرا كەلسە چوقۇم خىزمەت كىيىمى، پەلەي تەييارلانغان بولۇشى ھەمدە ۋاقتى-ۋاقتىدا يۇيۇپ تۇرۇلۇشى لازىم. 
ئەلۋەتتە، ئەڭ ياخشىسى ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئەرمەك ھايۋانلار بىلەن ئۇچراشماسلىق كېرەك. 

Tags:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى