ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىقنىڭ 19-ھەپتىسىدىكى ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ئەھۋالى

ھامىلىدارلىقنىڭ 19-ھەپتىسىدىكى ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ئەھۋالى

ۋاقتى: 2016-08-25 ئاۋاتلىقى: 665 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بۇ ۋاقىتتا سىزنىڭ بوۋىقىڭىزنىڭ ئېغىرلىقى تەخمىنەن 240 گرام، بېشىدىن ساغرىسىغىچە بولغان ئۇزۇنلىقى تەخمىنەن 15 سانتىمېتىر بولۇپ بىر چاقما كاۋىنىڭ چوڭلۇقىچىلىك بولىدۇ. ھامىلىنىڭ بېلىكى ۋە پۇتى بەدەننىڭ باشقا قىسىملىرى بىلەن تەڭ نىسبەتتە بولىدۇ. ھامىلىنىڭ بۆرىكى داۋاملىق سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. ھامىلىنىڭ چېچى ئۆسۈپ چىقىشقا باشلايدۇ. ئەگەر قورسىقىڭىزدىكى قىز بولسا، ئۇنىڭ تۇخۇمدىنىدا ئاللىقاچان ئالتە مىليوندىن ئارتۇق تۇخۇم ئاجرىلىپ چىقىپ بولغان بولىدۇ. بۇ ۋاقىت ھامىلىنىڭ سەزگۈ ئەزالىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىنىڭ مۇھىم مەزگىلى: ھامىلىنىڭ مېڭىسى پۇراش سېزىمى، تەم سېزىمى، ئاڭلاش سېزىمى، كۆرۈش سېزىمى، تېگىشىش سېزىمى قاتارلىقلارنىڭ مەخسۇس رايونىنى ئايرىپ چىقىدۇ. بەلكىم سىزگە بالىياتقۇنىڭ ئىچىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمايۋاتقاندەك تۇيۇلۇشى مۇمكىن، ئەمەلىيەتتە ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئەمەس، ھامىلە بۇ ۋاقىتتا بەلكىم ئەتراپىدىكى ئاۋازلارنى ئاڭلىيالىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئاڭلىيالايدىغىنى سىزنىڭ تومۇرىڭىزدا قاننىڭ ئاققان ئاۋازى، ئاشقازان-ئۈچەينىڭ يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلغان ئاۋازى، شۇنداقلا سىزنىڭ ئاۋازىڭىز. بەزى ئانىلار دائىم قورساقتىكى بالىسىغا گەپ قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ھامىلە بۇ گەپلەرنىلا ئەمەس، سىزنىڭ باشقىلار بىلەن قىلغان پاراڭلىرىڭىزنىمۇ ئاڭلىيالايدۇ. تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، ئۇ سىز بىلەن باشقا ئادەملەرنىڭ ئاۋازىنى قانداق پەرقلەندۈرۈشنى ئۆگىنىدۇ، شۇنداقلا تېزلا سىزنىڭ ئاۋازىڭىزنى تونۇپ ۋە ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ. تەتقىقاتلاردا يەنە مۇنداق كۆرسىتىلىدۇ، ھامىلىدار ئاياللار گەپ قىلغان ۋاقتىدا ھامىلىنىڭ يۈرەك سوقۇشى ئاستىلايدۇ، بۇ ھامىلىنىڭ ئۆزىنى ئەركىن قويۇۋەتكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ ۋاقىتتا يولدىشىڭىزنىمۇ بوۋىقىڭىز بىلەن پاراڭلىشىشقا چاقىرىپ، بىللە گەپ قىلساڭلار تېخىمۇ ياخشى. 
تۆۋەندىكىلەر ھامىلىنىڭ ھەر قايسى قىسىملىرىنىڭ تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلۈشى، ھامىلىنىڭ 19-ھەپتىدىكى سۈرىتىگە بىرلەشتۈرۈپ كۆرۈشكە بولىدۇ. 
باش تېرىسى: ھامىلىنىڭ باش تېرىسىدە چاچ ئۈنۈپ چىقىشقا باشلايدۇ. 
چوڭ مېڭە: بۇ ۋاقىت ھامىلىنىڭ سەزگۈ ئەزالىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشنىڭ مۇھىم مەزگىلى. ھامىلىنىڭ چوڭ مېڭىسى پۇراش سېزىمى، تەم سېزىمى، ئاڭلاش سېزىمى، كۆرۈش سېزىمى، تېگىشىش سېزىمى قاتارلىقلارنىڭ مەخسۇس رايونىنى ئايرىپ چىقىدۇ.
پۇت: بۇ ۋاقىتتا ھامىلىنىڭ بېلىكى ۋە پۇتى شۇنداقلا بەدەننىڭ باشقا قىسىملىرىنىڭ نىسبىتى ماسلىشىدۇ. 
بالىياتقۇ: بۇ ۋاقىتتا بەلكىم قورسىقىڭىزنىڭ ئاستى قىسمى ئازراق ئاغرىشى مۇمكىن، بۇنىڭ سەۋەبى بالىياتقۇ تارمۇشلىرى قورساقنىڭ يوغىنىشى سەۋەبىدىن تارتىشىپ، ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

Tags:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى