ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

چوڭ ياشتىكى ھامىلىدار ئاياللارنىڭ چوقۇم تەكشۈرتۈشكە تېگىشلىك تۈرلىرى

چوڭ ياشتىكى ھامىلىدار ئاياللارنىڭ چوقۇم تەكشۈرتۈشكە تېگىشلىك تۈرلىرى

ۋاقتى: 2016-07-20 ئاۋاتلىقى: 531 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ئارقىلىق تەكشۈرتۈش
ئادەتتە ئىككى قېتىم تەكشۈرۈش تەلەپ قىلىنىدۇ، ئايرىم ـ ئايرىم ھامىلىدارلىقنىڭ 12ـ ھەپتىسى ۋە 20ـ ھەپتىسى ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ خىل تەكشۈرۈش ئارقىلىق تېخىمۇ ئىچكىرىلىگەن ھالدا ھامىلىدار بولغان ئاي كۈنىنى ۋە ھامىلىنىڭ يېتىلىش جەريانىدىكى نورمالسىزلىقلارنى ئېنىقلاپ بېرەلەيدۇ. مەسىلەن يېرىق تاڭلاي، ئىچكى ئەزالارنىڭ بىنورمال بولۇشى قاتارلىقلار، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھامىلىنىڭ كۆپكىزەك ياكى ئەمەسلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ.

تىۋىتچە ۋە باش سۈيىنى تەكشۈرتۈش
ھامىلىدارلىقنىڭ 11ـ ھەپتىسى ئەتراپىدا، بىر تال بىئوپسىيە يىڭنىسىنى بالىياتقۇ بوينى ياكى قورساق دىۋارىدىن ئۆتكۈزۈپ، بالا ھەمرىيىنىڭ ئورنىغىچە ئاپىرىپ، ئاز مىقداردا تىۋىتچە تۇقۇلمىلىرىدىن ئېلىپ، تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش كېرەك. ۋە ياكى ھامىلىدارلىقنىڭ 16ـ ھەپتىسى ناركوز قىلغان ئەھۋال ئاستىدا، يىڭنە سانجىپ باش سۈيىدىن ئېلىپ، ئۇنىڭدىكى ھامىلىنىڭ چۈشۈپ كەتكەن ھۈجەيرىلىرىنى يىغىۋېلىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇلارنىڭ  ھەممىسى ھامىلىنىڭ نورمال ياكى ئەمەسلىكىگە  توغرا ھۆكۈم قىلغىلى بولىدىغان ئۇسۇللاردۇر.
بۇ تۈرلۈك تەكشۈرۈش ئادەتتە چوڭ ياشتىكى ھامىلىدار ئاياللارغا ماس كېلىدۇ، بۇ خىل تەكشۈرۈشنىڭ بويىدىن ئاجراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش خەۋپى بار، چوقۇم تەجرىبىلىك دوختۇرلارنىڭ كۆرسەتمىسى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك.
كىندىك بەلۋېغىنى تېشىپ تەكشۈرۈش
ھامىلىدارلىقنىڭ 20ـ ھەپتىسى، يەرلىك ئورۇننى ناركوز قىلىپ، يىڭنە بىلەن ھامىلىنىڭ كىندىكىدىن قان ئېلىپ تەكشۈرۈلىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق خروموسۇمنىڭ نورمال ياكى ئەمەسلىكىنى ۋە قاندا ئىرسىي كېسەللىكنىڭ بارـ يوقلۇقىنى تەكشۈرگىلى بولىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل پەقەت چوڭ ياشتىكى ئاياللارغىلا ماس كېلىدۇ. بويىدىن ئاجراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش نىسبىتى باش سۈيىنى ئېلىپ تەكشۈرۈتۈشتىنمۇ يۇقىرى بولىدۇ.
Aتىپلىق ھامىلە گىلوبونىنىڭ تەكشۈرۈلۈشى
بۇ ھامىلىدارلىقنىڭ 16~20ـ ھەپتىسى ئېلىپ بېرىلىدىغان بىرخىل خەتەرسىز قان ئەۋرىشكىسىنىڭ تەكشۈرۈلۈشى بولۇپ، قاندىكى Aتىپلىق ھامىلە گىلوبونىنىڭ ئىشلىتىلىش مىقدارىنى ئۆلچىگىلى بولىدۇ، شۇنداقلا نېرۋىنىڭ كەمتۈكلۈكى، Downيىغىندا كېسىلى، بۆرەك ۋە جىگەر كېسىلى قاتارلىقلارنى بايقىغىلى بولىدۇ. بۇخىل تەكشۈرۈشنى ھەربىر ھامىلىدار ئايال ئېلىپ بېرىشى كېرەك.

Tags:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى