ھامىلىدارلىقنىڭ 19-ھەپتىسى: ئەر بولغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتى
ۋاقتى: 2015-09-01
ئاۋاتلىقى: 578 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ھامىلىدارلىقنىڭ 19-ھەپتىسى، ھامىلىدار ئايال ھېرىپ چارچىغان ۋاقتىدا، ئەر بولغۇچى ئاكتىپلىق بىلەن ئايالىغا يۆلەنچۈك بولۇشى كېرەك، ئېرىگە يۆلىنىپ ئارام ئالغاندا، ھامىلىدار ئايال راھەت ھېس قىلىپلا قالماي يەنە كۆڭلى خاتىرجەم تۇرىدۇ. ئەر بولغۇچى ئاكتىپ ھالدا ئايالىنىڭ مۈرىسىنى ئۇۋىلاپ، ئۇنىڭغا كۆپرەك مېھرىنى بېرىشى كېرەك.
ئۇنىڭدىن باشقا دادا بولغۇچى ئايالى بىلەن بىللە ھامىلىدارلارنىڭ ھامىلە دەرسلىكىگە قاتنىشىشى كېرەك، نۇرغۇن ھامىلىدارلار مەكتىپىنىڭ دەرسلىكىگە ئاتا-ئانا بولغۇچى بىرلىكتە قاتنىشىش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئەگەر سىز ئالدىراشلىق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ ئامراق ئايالىڭىز بىلەن بىللە دەرسكە قاتناشسىڭىز، بىرىنچىدىن، بىلىم ئۆگىنىۋالىسىز، ئىككىنچىدىن ئايالىڭىزنى پىسخىكا جەھەتتىن قانچىلىك قوللايدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرۈپ قويالايسىز.
Tags: