ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىقنىڭ 19-ھەپتىسى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

ھامىلىدارلىقنىڭ 19-ھەپتىسى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

ۋاقتى: 2016-05-18 ئاۋاتلىقى: 646 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

1. ۋېتامىن تولۇقلاش

ھامىلىدارلىق مەزگىلدە فولىن كىسلاتاسى، ۋېتامىن B17، ۋېتامىن B6، ۋېتامىنC  ، شۇنداقلا باشقا B گۇرۇپپا ۋېتامىنلىرىنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك، يەنى يېمەكلىك ئارقىلىق قوبۇل قىلىش مىقدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئادەتتە ھامىلىدار ئايالنىڭ ھامىلىدارلىقىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدە، گۈرۈچ ۋە ئۇن تامىقىنى ماس ھالدا ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق ئوزۇقلۇق تولۇقلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. شىمالدا كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈشى يېتەرلىك بولمىغان رايونلاردا، بەزى ھامىلىدار ئاياللاردا ۋېتامىن D كەملەپ كېتىدۇ، شۇڭا بۇنداق ئاياللار دېڭىز بېلىقى، ھايۋانات جىگىرى، تۇخۇم سېرىقى قاتارلىق تەركىبىدە ۋېتامىن D مول بولغان يېمەكلىكلەرنى يېيىش كېرەك. 
2. ھامىلىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزى ئۆلچەش 
بۇ ۋاقىتتا ھامىلىدار ئايال تەرتىپلىك ھالدا ھامىلە تەۋرىنىشىنى سانىسا بولىدۇ. ۋاقتى ئەڭ ياخشىسى ھەركۈنى كەچ سائەت 8~9 لاردا بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ. ھامىلە تەۋرىنىشى ئادەتتە سائىتىگە 3~5 قېتىمغىچە بولسا نورمال بولىدۇ. ھەر كۈنى ھامىلە تەۋرىنىشىنى ساناشنى داۋاملاشتۇرۇش بىر خىل بىۋاسىتە ھامىلە تەربىيىسى، سىز ھامىلىگە پۈتۈن دىققەت نەزىرىڭىزنى سالغاندا، ھامىلىنىڭ ھەرخىل قىياپەتلىرىنى تەسەۋۋۇر قىلالايسىز، ھامىلە سىزنىڭ تەسەۋۋۇرىڭىز بويىچە ھەرىكەتلىنىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئانا-بالا ئوتتۇرىسىدا ھېسسىيات شەكىللىنىدۇ. 
3. كېپىنەكسىمان داغ پەيدا بولۇشى مۇمكىن 
ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن، بەدەننىڭ ھورمۇن ئاجرىتىش سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرى بولۇشى سەۋەبىدىن كېپىنەكسىمان داغ پەيدا بولىدۇ، بەزى ھامىلىدار ئاياللارنىڭ يۈزىدە پەيدا بولىدۇ. خەلق ئارىسىدا مۇنداق بىر ئېغىز گەپ بار: قورساقتىكى ھامىلە قىز بولسا كېپىنەكسىمان داغ چۈشىدۇ، ئوغۇل بولسا داغ چۈشمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ گەپنىڭ قىلچىمۇ ئىلمىي ئاساسىي يوق. ئانا بولغۇچى ھامىلىدارلىق مەزگىىلىدىكى ئۆزگىرىشلەردىن ئىچى سىقىلىپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق، بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن، ھەممىسى ئۆز ئەسلىگە كېلىدۇ. كۈچلۈك ئاپتاپتىن ساقلىنىپ، يۈز قىسىمنىڭ كۈن نۇرىدا ئۇزۇن تۇرۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغاندا، كېپىنەكسىمان داغ چۈشۈشنى يېنىكللەتكىلى بولىدۇ. 
4. تاماكا مۇھىتىدىن يىراق تۇرۇش كېرەك
بۇ ۋاقىتتا ھامىلىدار ئايال ھاراق-تاماكىنى قەتئىي تاشلىشى كېرەك. ئەر بولغۇچىمۇ ھامىلىدار ئايالنىڭ يېنىدا تاماكا چەكمەسلىكى كېرەك. تاماكا ئىسى ھامىلە ئۈچۈن خەتەرلىك ئامىل، ئارتۇق مىقداردىكى تاماكى ئىسى بەدىنىڭىزگە كىرگەندە، بالا ھەمرىيىگە قان يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بالىنىڭ بەدىنى ۋە ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. 
5. ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن”دۆت“لىشىپ كەتسە قانداق قىلىش كېرەك؟
خەلق ئارىسىدا « ئۈچ بالا تۇغسا ئۈچ يىل دۆتلىشىپ كېتىدۇ» دەيدىغان گەپ بار. نۇرغۇنلىغان ئاياللار ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنى، ئىنكاسىنىڭمۇ بۇرۇنقىدەك ئىتتىك ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىدۇ. ھامىلىدار ئايال بۇنىڭدىن ئارتۇقچە ئەنسىرەپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ. يېتەرلىك ئۇيقۇ، مۇۋاپىق ھەرىكەت، ئەركىن-ئازادە كەيپىيات، مۇزىكا ئاڭلاش قاتارلىقلارنىڭ ئانىنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق. 

Tags:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى