ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدار ئاياللار بىلىشكە تېگىشلىك ساۋاتلار

ھامىلىدار ئاياللار بىلىشكە تېگىشلىك ساۋاتلار

ۋاقتى: 2015-10-16 ئاۋاتلىقى: 615 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بىرىنچى، تۇغۇتتىن بۇرۇنقى تەربىيە
ھامىلىدار ئايال تۇنجى قېتىم تۇغۇتتىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈش قىلغاندا، چوقۇم سەھىيە-ساقلىق كارتىسى (قوللانمىسى) تۇرغۇزۇشى، تۇرۇشلۇق ئادرېسى، خىزمەت ئورنى، تېلېفون نومۇرى، يولدىشىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، كەسپى قاتارلىقلارنى تەپسىلىي يېزىشى كېرەك. سەھىيە-ساغلاملىق كارتىسىنى ھامىلىدار ئايال ئۆزى ساقلايدۇ، ھەر قېتىم تەكشۈرتكەندە كارتىنى ئېلىپ كېلىپ، تەكشۈرۈش ئاخىرلاشقاندا، كېلەر قېتىملىق تەكشۈرۈش ۋاقتىنى ئالدىن كېلىشىپ قويۇش كېرەك. ئەگەر ئالدىن كېلىشكەن ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈپ قويسا، كېين ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ياكى زىيارەت قىلىش كېرەك.
 

تۇغۇتتىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈش باشلانغاندىن باشلاپ بىرلا ۋاقىتتا تۇغۇتتىن بۇرۇنقى تەربىيە ئېلىپ بېرىش، قەرەللىك ھالدا دەرس ئۆتۈپ بېرىش، تېلېۋىزىيە فىلىمى كۆرۈش ياكى ئاددىي تىلدا چۈشىنىشلىك يېزىلغان، رەسىملىك تەشۋىقات قوللانمىلىرىنى تارقىتىپ بېرىش. مەزمۇنى ئاساسەن: (1) كۆپىيىش ئەزاسىنىڭ ئاناتومىيە رەسىمى ۋە ھامىلىدارلىق مەزگىلدىكى فىزىئولوگىيەلىك بىلىملەر؛ (2) ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ئانا تېنىدىكى ئۆزگىرىشلەر؛ (3) ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ئوزۇقلۇق ۋە تازىلىق؛ (4) ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ھەققىدىكى بىلىملەر؛ (5) ئۆزىنى ئاسراشنىڭ مۇھىملىقى ۋە ئۇسۇللىرى، تۇغۇتتىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدىكى مەزمۇنلار؛ (6) تۇغۇتتىن بۇرۇنقى تەربىيە، تۇغۇت ساۋاتلىرىنى سۆزلەپ چۈشەندۈرۈش، تۇغۇتقا بولغان قورقۇنچنى چىقىرىپ تاشلاش، مۇۋەپپەقىيەتلىك تۇغۇتقا بولغان ئىشەنچنى تۇرغۇزۇش، تۇغۇتنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى تەييارلىق ۋە بالنىستتا يېتىشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتىنى چۈشەندۈرۈش، قورساقنى يېرىپ تۇغدۇرۇشقا نىسبەتەن توغرا مۇئامىلىدە بولۇشنى چۈشەندۈرۈش؛ (7) بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە ئانا سۈتىدە بېقىش ساۋاتلىرى.
پۈتكۈل ھامىلىدارلىق مەزگىلى 40 ھەپتە ئەتراپىدا بولىدىغان بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا، ھامىلىدار ئايال قەرەللىك ھالدا تۇغۇتتىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپلا قالماي، يەنە كىيىنىش، يېمەك-ئىچمەك، تۇرالغۇ، يۈرۈش-تۇرۇشتىن تاكى ئەمگەك قىلىش، خىزمەت قىلىش ۋە دەم ئېلىش قاتارلىق ھەر جەھەتتە مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرغاندىلا، ئاندىن تەننىڭ ساغلام بولىشىغا ۋە ھامىلىنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

ئىككىنچى، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى يېتەكلەش
(1) ئۇيقۇ ۋە دەم ئېلىش: ھامىلىدار ئايال ئۆز تۇيغۇسىغا ئەھمىيەت بېرىشى، دەم ئېلىشنى خالىسا دەم ئېلىش، ئۇخلاش ۋاقتى ئادەتتىكى ۋاقىتتىن بىر سائەت ئەتراپىدا ئۇزۇن بولۇش، ئەڭ ئاز بولغاندا سەككىز سائەتتىن كەم بولماسلىقى كېرەك. چۈشتە بىر ئىككى سائەت ئۇخلاشنى  تەشەببۇس قىلىمىز. يېتىپ ئارام ئېلىشنى تەكىتلەش كېرەك، چۈنكى ئولتۇرۇپ ئارام ئالغاندا، دائىم تۆۋەنكى بەلنى بېسىۋالغانلىقتىن سۇلۇق ئىششىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
(2) تەنھەرىكەت ئارقىلىق بەدەن چېنىقتۇرۇش ۋە سەيلە-ساياھەت قىلىش: مۇۋاپىق بولغان تەنتەربىيە ئارقىلىق بەدەن چېنىقتۇرۇشنىڭ ھامىلىدارلىق ۋە تۇغۇتقا نىسبەتەن زىيىنى يوق. مەسىلەن: پىيادە سەيلە قىلىش، سۇ ئۈزۈش ۋە ۋېلىسىپىت مىنىش قاتارلىقلار، ئەمما سىجىللىقى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك. ھەرىكەت سىجىللىقى ھارغىنلىق ھېس قىلماسلىقنى ئاساس قىلىش كېرەك. ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئۇزۇن يوللۇق ئۇچۇشتىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش كېرەك، ئۇزۇن يوللۇق ئۇچۇش ماددا ئالمىشىش ۋە فىزىيولوگىيەلىك ئىقتىدارىنىڭ قالايمىقانلىشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ۋېنادا قان ئۇيۇپ قېلىش، سۇ تولۇپ قېلىش سەۋەبلىك ئاستىنقى بەلنىڭ سۇلۇق ئىششىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
(3) خىزمەت: ھامىلىدار ئاياللار ساقلىنىشقا تېگىشلىك خىزمەتلەر: ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك؛ كۆپلەپ بەل ئىگىلىدىغان خىزمەت ياكى پەللەمپەيدىن چىقىپ-چۈشۈپ خىزمەت قىلىش؛ ھامىلىگە زەھەرلىك تەسىرى بار ياكى ھامىلىنىڭ غەيرىي بولۇپ قېلىشىغا سەۋەبچى بولىدىغان خىمىيەلىك ماددىلار، رادىياتسىيەسى بار خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىش؛ قورساق قىسىمنى قاتتىق تەۋرىتىدىغان ياكى زەربە بېرىدىغان خىزمەت؛ ئارىلىقتا دەم ئېلىشقا بولمايدىغان ياكى زىيادە جىددىيچىلىكى بار بولغان ئاقما لىنىيە خىزمىتى؛ ئۇزاق مۇددەت ئۆرە تۇرۇش ياكى سوغۇق، يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق مۇھىتتا خىزمەت قىلىش قاتارلىقلار.
(4) كىيىنىش: ئادەتتىكى كىيىم-كېچەكتىن كەڭرەك، كىيىپ-سېلىش قولايلىق، يۇمشاق كىيىملەرنى كىيىش. ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ماددا ئالمىشىش نىسبىتى تېزلىشىدۇ، پاختا خام ماتېرىيالى قىلىنغان كىيىملەر ئاسان تەر سۈمۈرىدىغان بولۇپ، تالالىق خام ماتېرىياللىق كىيىم-كېچەكلەردىن ياخشى. ئەمچەككە ئەڭ ياخشىسى ياخشى لايىھەلەنگەن، ئالدى تەرىپىدىن ئېچىلىدىغان لىپتىك ئىشلىتىش كېرەك؛ پايپاققا چىڭ تارتىلىدىغان ئۇزۇن پايپاق ئىشلىتىش، ھامىلىدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە راھەت بولىدۇ ھەم ۋېنانىڭ كېرىلىشىنى ئازايتىدۇ. ئېگىز پاشنىلىق ئاياق كىيمەسلىك كېرەك، ئېگىز پاشنىلىق ئاياق بەل ئومۇرتقىسىنى ئالدىغا چىقىرىپ، گەۋدە قىسىمنى زىيادە كېرىلدۈرىۋېتىدىغان بولغاچقا، ئاسانلا يېقىلىپ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇنداقلا ئاسانلا بوغۇملارنىڭ زەخىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 
(5) يۇيۇنۇش: ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە چوقۇم دائىم يۇيۇنۇپ تۇرۇش كېرەك. ھامىلىدارلىقنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە، بالىياتقۇنىڭ چوڭىيىشى سەۋەبلىك، ھامىلىدار ئاياللار ئاسانلا تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىدۇ. شۇڭا مۇنچىغا چوقۇم تېيىلىشتىن ساقلىنىش پالازلىرىنى قويۇش ئارقىلىق، تېيىلىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئومۇمەن دۇشلىنىش بىر قەدەر مۇۋاپىق، سۇنىڭ جىنسىي ئەزاغا كىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
(6) چىشنى ئاسراش: ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە چىشنىڭ تازىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. چىشنى چوقۇم تارتىۋېتىشقا توغرا كەلسە، تولۇق مەست قىلىشتىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەك.
(7) جىنسىي تۇرمۇش: نورمال ھامىلىدارلىقتا گەرچە جىنسىي تۇرمۇش چەكلەنمىسىمۇ، ئەمما ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە چوقۇم جىنسىي تۇرمۇشنى تىزگىنلەش ياكى ساقلىنىش ئارقىلىق بويىدىن ئاجراپ كېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ھامىلىدارلىقنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئالتە ھەپتىسىدە، جىنسىي تۇرمۇشتىن ساقلىنىش، ھامىلە پەردىسىنىڭ بالدۇر يېرىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ھامىلىدار ئايالنىڭ ئەمچەك توپچىسى ۋە بالىياتقۇسىنىڭ قاتتىق غىدىقلىنىشتىن ساقلىنىش. قايتا-قايتا بويىدىن ئاجراپ كېتىش، بالدۇر تۇغۇش، جىنسىي يولدىن قان چىقىش ۋە ئېغىر دەرىجىدە ھامىلە بىرىكىپ قېلىش ئەھۋالى بارلار، چوقۇم جىنسىي تۇرمۇشتىن قەتئىي ساقلىنىشى كېرەك.
(8) تاماكا چېكىش: ھامىلىدار بولۇشتىن ئىلگىرى بەزى ئاياللار تاماكا چېكىدۇ، شۇڭا ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن چوقۇم تاماكا تاشلاش كېرەك.
(9) ھاراق ئىچىش: ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلەرنى ئىچىشنى چەكلەش كېرەك. ئىسپىرتنىڭ يوشۇرۇن غەيرىيلەشتۈرۈش تەسىرى بولۇپ، ھامىلىنىڭ ئىسپىرت ئۇنىۋېرسال كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
(10) دورا: كۆپ ساندىكى دورىلارنىڭ ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئىشلىتىشتىكى بىخەتەرلىك مەسىلىسى تېخىچە ئايدىڭ ئەمەس. شۇڭا، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە چوقۇم زۆرۈر بولمىغان دورىلارنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش، بولۇپمۇ ئۇرۇقلانغاندىن كېيىنكى 3-8 ھەپتىگىچە بولغان ئارىلىقتا دورىنىڭ خەتىرى بەك چوڭ. ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ھەر قانداق دورىنى ئىشلىتىشتە، چوقۇم ھامىلىگە بولغان تەسىرىنى ئويلىشىش كېرەك، چوقۇم ئىشلىتىش زۆرۈر بولغان دورىلارنىڭ پايدا-زىيىنىنى ياخشى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، ھەمدە ھامىلىدار ئايال ۋە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ قوشۇلۇشىدىن ئۆتكۈزۈش كېرەك.

ئۈچىنچى، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ئوزۇقلۇق
ھازىر دۆلىتىمىزدە ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئوزۇقلۇقىدا ساقلانغان مەسىلىلەر تۆۋەندىكىچە:
(1) زىيادە كۆپ يېيىش سەۋەبلىك چوڭ بوۋاق (تېنى زىيادە چوڭ)لار كۆپىيىپ كەتكەنلىكتىن، تۇغۇت قىيىن بولۇش ياكى ئوپېراتسىيە نىسبىتى ئۆرلەپ كېتىش؛
(2) يېمەكلىككە زىيادە ئىنچىكە مۇئامىلە قىلىش سەۋەبىدىن، بەزى ئوزۇقلۇقلارنىڭ كەمچىللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش، شۇ سەۋەبتىن ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر يېتىش؛
(3) ئوزۇقلۇق ماددىسىنىڭ كەمچىللىكى ياكى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى ئاستىدا بولماسلىقى سەۋەبلىك، ھەتتا ئوزۇقلۇق ماددىلارنى قالايمىقان ئىشلىتىشتىن كېلىپ چىققان ناچار ئاقىۋەتلەر.
ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئانا تېنىدىكى ھەر قايسى ئەزالار ۋە بالىياتقۇ، بالا ھەمرىيى، ھامىلە، ئەمچەكنىڭ يېتىلىشى ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، ھامىلىدارلىق  مەزگىلىدە ئىشلىتىدىغان ئوزۇقلۇق چوقۇم ھامىلىدارسىز مەزگىلىدىكىدىن يۇقىرى بولۇشى كېرەك. ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ھەر خىل ئەگەشمە كېسەللىكلەرنىڭ ھامىلىنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزۈشىگە سەۋەبچى بولىدۇ. شۇڭا ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ئوزۇقلۇققا يېتەكچىلىك قىلىشنى تەكىتلەش، ھامىلىدار ئايالنىڭ ھەر خىل ئوزۇقلۇق ماددىلارنى قوبۇل قىلىش ئېڭىنى، يېمەكلىكلەرنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، مۇۋاپىق تولۇقلاش تونۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. زۆرۈر ئوزۇقلۇقلار: ئاممونىي كىسلاتاسى، زۆرۈر ماي كىسلاتاسى، كاربون-سۇ بىرىكمىسى، سۇدا ئېرىشچان ۋە مايدا ئېرىشچان ۋىتامىن ، مىنېرال ماددىلار ۋە مىكرو ئېلېمېنتلاردىن ئىبارەت.
جۇڭگو ئوزۇقلۇق جەمئىيىتى (1988-يىلى)نىڭ كۈندىلىك يېمەكلىك ئوزۇقلۇق ماددىسى تەۋسىيەلىك تەمىنلەش مىقدارىنى ئوزۇقلۇق كۆرسەتمىسى قىلىشقا بولىدۇ. چوقۇم كۆرسىتىش زۆرۈر بولغىنى: تەۋسىيەلىك تەمىنلەش مىقدارى كىشىلەرگە يېتەكچىلىك قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ. ھەر بىر ھامىلىدار ئايالنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجى ۋە ئۆلچەم ئوتتۇرىسىدا ئېنىق پەرق بولىدۇ، شۇڭا كونكرېت تەھلىل قىلىش، يەككە يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. يېمەكلىكتە «گۆشلۈك ۋە گۆشسىزلەرنى ياخشى ماسلاشتۇرۇش، يىرىك-ئىنچىكە بولۇشنى ياخشى بىرلەشتۈرۈش، ئاز مىقداردا كۆپ تاماقلىنىش، كۆپ خىل بولۇش» نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى