ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ساغلاملىق پەرۋىشى

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ساغلاملىق پەرۋىشى

ۋاقتى: 2016-06-23 ئاۋاتلىقى: 638 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

تېرىنىڭ ساغلاملىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك
يۇيۇنغاندا، بەدەننىڭ مۇناسىپ قىسىملىرىنى سوغۇق سۇ ۋە قىزىق سۇنى ئالماشتۇرۇپ (بىردەم سوغۇق سۇدا، بىردەم قىزىق سۇدا يۇيۇش) يۇيۇشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش، قورساق قىسىمنىڭ قان ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يۇيۇنۇپ بولغاندىن كېيىن، تۇغۇت داغلىرى بار جايلارغا ئاسراش مېيى (ھامىلىدارلار ھامىلىدارلىق مېيى، ھامىلىدارلار زەيتۇن مېيى تېرە ئاسراش مەھسۇلاتى)، تېرىنى دائىم ئۇۋىلاپ بېرىش ئارقىلىق، تېرىنىڭ ئىلاستىكىلىقىنى ئاشۇرۇش؛ تېرىگە نىسبەتەن غىدىقلىنىش كىچىك بولغان تېرە ئاسراش مەھسۇلاتلىرىنى تاللاپ ئىشلىتىش، قېنىق گىرىم بويۇملىرىنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك.

ئوزۇقلۇق تولۇقلاشقا دىققەت قىلىش كېرەك
ھامىلىدار ئاياللار ھامىلىدارلىق ئوتتۇرا مەزگىلىدە تەركىبىدە ۋىتامىن C مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىشى كېرەك. مەسىلەن: ئاپېلسىن، بۆلجۈرگەن، سەي-كۆكتات قاتارلىقلار؛ ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تەركىبىدە ۋىتامىن B6 مول بولغان سۈت ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىشى كېرەك. بولۇپمۇ پەمىدۇرنى كۆپرەك يېيىش كېرەك، چۈنكى پەمىدۇرنىڭ تەركىبىدىكى لىكوپېندا ۋىتامىن C مول بولۇپ، ئۇلار تەبىئىي ئوكسىدلىنىشقا قارىشى ماددىلاردۇر. دائىم يەپ بەرگەندە سەپكۈننى يوقىتىپ، چىراينى ياخشىلايدۇ.

ھەرىكەتنى كۈچەيتىش
ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ھەرىكەتنى كۈچەيتىش، ئىمكانقەدەر بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ سىجىل ئېشىپ بېرىشىدىن ساقلىنىش، بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ زىيادە تېز ئېشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش. ئومۇمەن، ھامىلىدارلىقنىڭ 4-ئېيىدىن باشلاپ، بەدەن ئېغىرلىقى 4~5 كىلوگىرام ئاشىدۇ؛ ھامىلىدارلىقنىڭ 7-ئېيىدىن باشلاپ، بەدەن ئېغىرلىقى تەخمىنەن 5 كىلوگىرام ئاشىدىغان بولۇپ، پۈتكۈل ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە 10~12 كىلوگىرامدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. زىيادە سېمىزلىك ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىسىز.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى