ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە يوپۇرماق كىسلاتاسى تولۇقلاشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە يوپۇرماق كىسلاتاسى تولۇقلاشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

ۋاقتى: 2016-07-27 ئاۋاتلىقى: 641 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

يوپۇرماق كىسلاتاسى بىر خىل سۇدا ئېرىشچان B ئائىلىسىدىكى ۋىتامىن بولۇپ، يېشىل سەي-كۆكتات، مېۋە-چىۋە ۋە ھايۋانات جىگىرى تەركىبىدە مول بولىدۇ. يوپۇرماق كىسلاتاسى ئادەم تېنىنىڭ ماددا ئالمىشىش پۈتۈن جەريانىغا قاتنىشىدۇ، ئادەم تېنىدىكى مۇھىم ماددا DNA نىڭ ھاسىل بولۇشىدا ناھايىتى زۆرۈر ۋېتامىندۇر. ئۇنىڭ كەمچىل بولۇشى يالغۇز ھامىلىنىڭ نېرۋا نەيچىلىرىنىڭ يېتىلىشى غەيرىي بولۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي، يەنە كۆز، كالپۇك، تاڭلاي، ئاشقازان-ئۈچەي، يۈرەك قان تومۇرى، سۆڭەك قاتارلىق ئەزالارنىڭ غەيرىيلىك نىسبىتىنى ئاشۇرىۋېتىدۇ.
ئاياللار ھامىلىدار بولۇشتىن ئىلگىرىكى بىر ئايدىن باشلاپ ھامىلىدارلىقنىڭ كېيىنكى ئۈچ ئېيىغىچە بولغان جەريانىدا، ھەر كۈنى 0.4 مىللىگىراملىق يوپۇرماق كىسلاتاسى تولۇقلىغۇچى يەپ بەرگەندە، ھامىلىنىڭ كۆپ ساندىكى نېرۋا نەيچىلىرىدە غەيرىيلىك بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئەسكەرتىشكە ئەرزىيدىغان بىر نۇقتا: ئاياللار يوپۇرماق كىسلاتاسى يېگەندە، چوقۇم دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى ئاستىدا يېيىشى، ئۇنىڭدىن باشقا، تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك:
(1) چوقۇم ھامىلىدار بولۇشتىن ئىلگىرىكى بىر ئايدىن باشلاپ يوپۇرماق كىسلاتاسى يېيىش. ھامىلىدار بولۇشتىن ئىلگىرى بولۇشنى تەكىتلەشتىكى سەۋەب، ئاياللارنىڭ تېنىدىكى يوپۇرماق كىسلاتاسىنىڭ مىقدارىنىڭ مەلۇم مىقداردا ساقلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ھامىلىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە نىسبەتەن ياخشى بولغان يوپۇرماق ئوزۇقلۇقى بولۇش ھالىتىگە كاپالەتلىك قىلىش. تەتقىقاتقا ئاساسلانغاندا، ئاياللار يوپۇرماق يەپ، 4 ھەپتىدىن كېيىنلا ئاندىن بەدەندىكى يوپۇرماق كىسلاتاسىنىڭ كەمچىل بولۇش ھالىتى ھەل بولىدىكەن. بۇنداق بولغاندا، ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى ھامىلىنىڭ نېرۋا نەيچىلىرىنىڭ يېتىلىشىدىكى سەزگۈر دەۋرى بولۇپ، پەقەت يېتەرلىك يوپۇرماق كىسلاتاسى بولغاندىلا، ئاندىن نېرۋا سىستېمىسىنىڭ يېتىلىشىنى قانائەتلەندۈرەلەيدىكەن. ھەمدە ھامىلىدار بولغاندىن كېيىنكى 3 ئايدىكى سەزگۈر دەۋرىدىمۇ داۋاملىق يېيىشنى داۋاملاشتۇرغاندىلا، ئاندىن ئەڭ ياخشى ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمى بولىدۇ.
(2) دۆلىتىمىزدىكى نېرۋا نەيچىسىدە غەيرىيلىك يۈز بېرىش تۆۋەن رايونلاردىكى ئاياللارمۇ يوپۇرماق كىسلاتاسى يېيىشى كېرەك. دۆلىتىمىزنىڭ نېرۋا نەيچىسىدە غەيرىيلىك يۈز بېرىش ئەھۋالى شىمالدا جەنۇبتىن يۇقىرى، يېزىلاردا شەھەرلەردىن يۇقىرى. شۇڭا بەزىلەر غەيرىيلىك يۈز بېرىش نىسبىتى تۆۋەن رايونلاردىكى ئاياللار يوپۇرماق كىسلاتاسى يېيىشى ھاجەتسىز دەپ قارايدۇ. بۇ خىل تونۇش نېرۋا نەيچىسىدە غەيرىيلىك بولۇشنىڭ يوشۇرۇن خەۋپى بولۇشى مۇمكىن. تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، يۈز بېرىش نىسبىتى تۆۋەن رايونلاردىكى تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللارنىڭ كۆپ قىسمىدا يەنىلا يوپۇرماق كىسلاتاسى يېتىشمەسلىك ئەھۋالى مەۋجۇت.
(3) يوپۇرماق كىسلاتاسى تولۇقلىغۇچىنى يېگەندە نېرۋا نەيچىسى غەيرىيلىكى بار بوۋاقنىڭ تۇغۇلماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولامدۇ؟ يوپۇرماق كىسلاتاسى تولۇقلىغۇچىسىنى يېيىش ھامىلىدار ئايال تېنىدە يوپۇرماق كىسلاتاسىنىڭ كەمچىلىكى تۈپەيلى نېرۋا نەيچىسى غەيرىيلىكى يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈندۇر. يوپۇرماق كىسلاتاسىنىڭ كەمچىل بولۇشى نېرۋا نەيچىسى غەيرىيلىكىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى، ئەمما بىردىن بىر سەۋەبى ئەمەس. بۇنىڭدىن سىرت يەنە ئائىلە ئىرسىيەت ئامىلى ۋە باشقا مۇھىت ئامىلى قاتارلىقلارمۇ نېرۋا نەيچىسى غەيرىيلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇلارنىڭ ھازىرچە ئېنىق بولغان ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلى يوق.
(4) «يوپۇرماق كىسلاتاسى دورىسى»نى «ئاز مىقداردىكى يوپۇرماق كىسلاتاسى تولۇقلىغۇچىسى»نىڭ ئورنىغا دەسسەتمەڭ. يوپۇرماق كىسلاتا تولۇقلىغۇچىسىنىڭ ھەر بىر تېلىدا 0.4 مىللىگىرام يوپۇرماق كىسلاتاسى بولۇپ، دۆلەت تەستىقىدىن ئۆتكەن بىردىن بىر ئالدىنى ئېلىش دورىسىدۇر (مەھسۇلات ئىسمى斯利安). ئەمما بازاردا بىر خىل كەم قانلىقنى داۋالايدىغان «يوپۇرماق كىسلاتاسى» دورىسى بولۇپ، ھەر بىر تېلىدا 5 مىللىگىرام يوپۇرماق كىسلاتاسى بولۇپ، بۇ斯利安 نىڭ 12.5 ھەسسىسىگە تەڭ. ھامىلىدار ئاياللار ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، بۇ خىل كۆپ مىقدارلىق يوپۇرماق كىسلاتاسى دورىلىرىنى يېيىشتىن قەتئىي ساقلىنىشى كېرەك.

 چۈنكى ئۇزاق مۇددەت كۆپ مىقدارلىق يوپۇرماق كىسلاتاسى دورىسىنى يېيىش ھامىلىدار ئايال ۋە ھامىلىگە ئەكس تەسىر كۆرسىتىدۇ. نورمال تولۇقلاشقا تېگىشلىك يوپۇرماق كىسلاتا مىقدارىنى ئەمەلىيەتتە ئادەتتىكى ھامىلىدار ئاياللار سۈت پاراشوكى تەمىنلىيەلەيدۇ. مەسىلەن چۆچىياۋ ھامىلىدار ئاياللار سۈت پاراشوكى قاتارلىقلاردا نورمال نىسبەتتىكى يوپۇرماق كىسلاتاسى بار.
(5) ئىمكانقەدەر ناترىي مىقدارى تۆۋەن بولغان يەرلىك تۇزنى ئاشتۇزى ئورنىدا ئىشلىتىش كېرەك. ئىلىم-پەن تەشكىلاتلىرىنىڭ تەتقىق قىلىپ بايقىشىغا ئاساسلانغاندا، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ھامىلىدار ئاياللار تېنىدىكى قان تومۇرلار كېڭىيىپ، قان ئايلىنىش مىقدارى ئېشىپ، ناترىينىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى تۆۋەنلىتىپ ھامىلىدار ئاياللاردىكى تۇغما بولمىغان يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكىنىڭ نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن. يۈرەك مېڭە قان تومۇرىدا كېسەللىك كۆرۈلۈشىنى مەلۇم دەرىجىدە كونترول قىلىش ئۈچۈن، «تۆۋەن مىقداردىكى ناترىيلىق تۇز» ئىشلىتىش ياكى «ئالاھىدە تۆۋەن مىقدارلىق ناترىي تۇز»ى ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلىمىز. ھامىلدار ئايال بەلگىلىك دەرىجىدە ھەرىكەتچانلىقنى ساقلىغاندا، تەندىكى ماددا ئالمىشىش سۈرئىتىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى