ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە دورا ئىشلىتىش قوللانمىسى

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە دورا ئىشلىتىش قوللانمىسى

ۋاقتى: 2015-11-08 ئاۋاتلىقى: 822 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

پەرىشتە ئانا-بالا تورى ئەسكەرتمىسى: نۆۋەتتە ئىشلىتىلىۋاتقان كۆپ قىسىم دورىلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئىسمى بولمىغاچقا دورا ئىسىملىرىنى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە تەمىنلەش ئىمكانىيىتى بولمىدى، دورا سېتىۋېلىشقا ۋە ئىشلىتىشكە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن دورىلارنىڭ خەنزۇچە ئىسمىمۇ بېرىلدى. تورداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ۋە بۇ سەۋەبلىك قولايسىزلىق ئېلىپ كەلگەن بولغان كەچۈرۈۋېتىشنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۈمىد قىلىمىز.
تۆۋەندىكى دورىلارنى ئىشلەتكەندە چوقۇم مۇناسىپ كۆرسەتمىسىگە، ئەڭ ياخشىسى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىشلىتىڭ، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە قالايمىقان دورا ئىشلىتىش ئورنىنى تولدۇرۇۋالغۇسىز زىيانلارنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.

1. پېنىتسىللىن: بىرقەدەر بىخەتەر، ئۆز ئىچىگە ئالىدىغىنى، كۆپ خىل رول كۆرسىتىدىغان پېنىتسىللىن.  ئىچىش، مۇسكۇلغا ئوكۇل سېلىش، ۋېنا قان تومۇرىغا ئاسما ئوكۇل شەكلىدە  تەڭشەپ ھامىلىدار  ئاياللارغا ئىشلەتسە بولىدۇ. ئاگاھلاندۇرۇش: تەۋسىيە قىلىنغان ئۆلچەم بويىچە ئىشلىتىش، ئۆلچەمدىن ئارتۇق ئىشلەتمەسلىك. 
2. ئېرىترومىتسىن: بىر خىلدىكى دورىلاردىن يەنە  罗红霉素 ،利菌纱
قاتارلىقلار بار. مولېكۇلا ئېغىرلىقى چوڭ بولغاچقا، ئاسانلىقچە بالا ھەمرىيىدىن ھامىلىگە يېتىپ بارالمايدۇ، پېنىتسللىنغا نىسبەتەن زىيادە سېزىمچانلار  ئىشلەتسە بولىدۇ. خىلامىدىيە، مىكوپلازمىدىن يوقۇملانغانلارنىڭ ئالدىن تاللاپ ئىشلىتىدىغان دورىسى. 
3. سېفالوسپورىن(先锋霉素): ھازىرقى ماتېرىياللاردىن قارىغاندا،غەيرىلىك پەيدا قىلىش رولى يوق.
كىچىك ئەسكەرتمە: خەتەرلىك ئانتىبېيوتىكلار مەلۇمات تىزىملىكى
 قىسمەن ئانتىبىيوتىك تۈرىدىكىلەرنىڭ زەھەرلىك ئەكس تەسىرىنىڭ ئوخشىماسلىق سەۋەبىدىن، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئىشلىتىشىگە تەشەببۇس قىلمايدىغانلىرىدىن كۆپ ئۇچرايدىغانلىرى؛
1) تېتراسكلىن(四环素): چىش سارغۇچ قوڭۇر رەڭ بوياق ماددىسىنىڭ چۆكۈپ قىلىشىنى پەيدا قىلىدۇ، ياكى ھامىلىنىڭ سۆڭىكىدە زاپاس ساقلىنىپ، ھامىلىدار ئايالدا جىددىي خاراكتېرلىك ياغلىق جىگەر ھەم بۆرەك ئىقتىدارى تولۇق بولماسلىقنى پەيدا قىلىدۇ. 
2) گېنتامىتسىن(庆大霉素): كانامىتسىن(卡那霉素)، كىچىك نومىتىسىن(诺霉素) قاتارلىقلار ھامىلىنىڭ ئاڭلاش نېرۋىسى ھەم بۆرىكىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ.
3) خلورامفېنىكول(氯霉素): كۈلرەڭ بوۋاق يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى پەيدا قىلىدۇ. 
4) 呋喃胆叮: 联磺片نىڭ ئۈنۈمىنى كۈچەيتىدۇ، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقتا سېرىق چېچەك پەيدا قىلىدۇ ۋە  ئاۋىرسىيە يوپۇرماق كىسلاتاسى بىلەن قارمۇ-قارشى رول ئوينايدۇ.
5) 呋喃胆叮: ئايال بىمارلارنىڭ سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىش سىستېمىسىدا يۇقۇملىنىش كۆرۈلگەندە ئىشلىتىلىدىغان دورا بولۇپ، قان ئېرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىشلىتىش كېرەك.
6) ۋانكومىتسىن(万古霉素): گەرچە ھامىلىگە نىسبەتەن خەۋپى بار دەپ خەۋەر قىلىنمىغان بولسىمۇ، لېكىن ھامىلىدار ئايالغا نىسبەتەن بۆرەكنى زەھەرلەش، قۇلاقنى زەھەرلەش رولى بار. 
7) 环丙沙星、氟哌酸、奥复星: ئىت تەجرىبىسىدە سىناق قىلغاندا قايتىلانمايدىغان بوغۇم ياللۇغى كېلىپ چىققان.
8. تۇبېركۇليۇز كېسەللىكىگە قارشى دورىلار: ئىشلەتكەن ۋاقىتتا پايدا-زىياننىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى ئويلىشىپ، ئۆزىڭىزنىڭ بەدىنىنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن دوختۇردىن مەسلىھەت سوراڭ.
9. 抗霉菌药: گىرېزېئوفۇلۋىن(克霉唑)، 克霉唑、制霉菌素، ھامىلىدار ئاياللار زەمبۇرۇغقا قارشى دورىلار ئىشلەتمىگىنى ئەڭ ياخشى.
10. ئانتىۋىرال دورا(抗病毒药): ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئىشلىتىشىگە تەشەببۇس قىلىنمايدۇ.
4. 甲硝唑: ھاشارات يوقىتىش دورىسى، تامچە قۇرۇتتىن يۇقۇملىنىشنى داۋالاش، ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئىشلەتمەسلىكنى تەۋسىيە قىلىمىز. 
5. سىپىرامتىسىن(螺旋霉素): سېگمېنت تەنچىدىن يۇقۇملىنىشنى داۋالايدۇ. ھامىلىگە ئەكس تەسىرى يوق. 
6. مەددە چۈشۈرۈش دورىسى: ھايۋانلارغا نىسبەتەن غەيرىلىك پەيدا قىلىش رولى بار. ئېھتىيات بىلەن ئىشلىتىش كېرەك. 
7. دىگوكسىن(地高辛): يۈرەك كۈچەيتىش دورىسى بولۇپ، ئاسانلا بالا ھەمرىيىدىن ئۆتىدۇ. ھامىلىگە نىسبەتەن روشەن ناچار رولى يوق، يۈرىكى زەئىپلەشكەن ھامىلىدار ئاياللار ئىچسە بولىدۇ.
8. β رېتسېتور ئۈزگۈچى دورا(β受体阻断剂): ھامىلىنىڭ ئۆسۈشىنى ئاستىلاتقانلىق ھەققىدە دوكلات بار.
9. بېسىمنى تۆۋەنلىتىش دورىسى:  روشەن غەيرىلىك پەيدا قىلىش رولى بار بولۇپ، ھامىلىدار ئاياللار ئىشلەتسە بولمايدىغىنى قان تومۇرنى جىددىيلەشتۈرگۈچىنىڭ ئايلىنىشنى چەكلىگۈچى رېئاكتىپ. مەسىلەن، كاتوپۇلى(卡托普利)، قان تومۇرلارنى جىددىيلەشتۈرگۈچى 2-ھورمۇنى قوبۇل قىلغۇچى تەنچىسىنى چەكلىگۈچى رېئاكتىپ، باشقا خىلدىكى بېسىمنى تۆۋەنلىتىش دورىلىرى، مەسىلەن، كالتسىي ئىيونى قارمۇ-قارشى رېئاكتىپى قاتارلىقلارنىڭ بالىياتقۇ قان ئېقىم مىقدارىنى ئازلىتىۋېتىش ئېھتىماللىقى بار، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرغۇچى رېئاكتىپنى بىرەر ئاي ئىستېمال قىلغاندا بوۋاقنىڭ قان پلاستىنكىسىنىڭ كېمىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، ئېھتىيات بىلەن ئىشلىتىش كېرەك، ئاتسېتازول ئامىد(乙酰唑胺)نىڭ ھايۋانات تەجرىبىدە غەيرى مۈچە ئەھۋالى كۆرۈلگەن، شۇڭا ھامىلىدار ئاياللار ئىشلەتمەسلىكى كېرەك.

10. دەم سىقىلىشنى داۋالايدىغان دورىلار: مەسىلەن، 茶千، ئادرېنالىن(肾上腺素)، پرېدنىزون(色甘酸钠)، 强的松 قاتارلىقلار ھەممىسى نورمالسىزلىقنى پەيدا قىلىش رولى  يوق. 
11. تارتىشىپ قىلىشقا قارشى دورىلار: ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە پۇت-قوللارنىڭ تارتىشىپ قىلىشىغا قارشى دورىلارنى ئىشلەتكەندە،  ھامىلىنىڭ تۇغما غەيرىلىك كۆرۈلۈش  نىسبىتى ئىشلەتمىگەنلەرنىڭ ئىككى-ئۈچ ھەسسە بولىدۇ. دائىم ئىشلىتىدىغان دىفېنىل گىدانتوئىن(苯妥英钠)، ترىمېتادىئون(卡马西平)، 丙戊酸،卡马西平قاتارلىقلار. 
12. روھى كېسەللىككە قارشى دورىلارنىڭ ئومۇمەن نورمالسىزلىقنى پەيدا قىلىش رولى بار.
13. تىنچلاندۇرۇش دورىسى: مەسىلەن، تىنچلاندۇرۇش (دورا ئىسمى)، 舒乐安定 بەزىلىرىنىڭ نورمالسىزلىقنى پەيدا قىلىش رولى بار. 
14. ئاغرىق توختىتىش دورىسى: پانادول جىگەرنىڭ زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئاسپىرىن باش سۈيىنىڭ زىيادە ئاز بولۇشى بىللە كېلىدۇ، ھامىلە ئارتېرىيە نەيچىسىنىڭ بەك بالدۇر ئېتىلىپ كېتىدۇ. بولوفىن(布洛芬)، نەيپوسىن(奈普生)، ئىندومىيىشىن(吲哚美辛) قاتارلىقلار ھامىلە ئارتېرىيە تومۇرىنىڭ قىسقىرىشى ئۆپكە قان تومۇرىنىڭ بېسىمىنىڭ يۇقىرىلىشى ۋە باش سۈيىنىڭ زىيادە كۆپ بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھامىلىدارلىقنىڭ 34 ھەپتىسىدىن كېيىن ياللۇغ ئاغرىق قايتۇرۇش دورىسىنى ئىشلىتىشكە ماس كەلمەيدۇ، ئەگەر ئىشلەتسە ھامىلە مېڭە ئىچى قاناش، ئۆپكە كاناي شاخچىلىرى يېتىلىشى ياخشى بولماسلىق ۋە نېكروزلىنىش خاراكتېرلىك كىچىك ئۈچەي، بوغماق ئۈچەي ياللۇغى قاتارلىق ناچار تەسىرلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
15. قۇسۇشنى توختىدىغان دورىلار: غەيرىلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش نىسبىتىنى يۇقۇرلىتىۋەتكەنلىك توغرىسىدا خەۋەرلەر كۆرۈلمىگەن.
16. ئۆسمىگە قارشى دورىلار: روشەن نورمالسىزلىقنى پەيدا قىلىش رولى بار. 
17. ئىممۇنولوگىيەلىك چەكلەش دورىسى(免疫抑制剂): 硫唑嘌呤、环孢霉素، ھامىلىگە نىسبەتەن روشەن زەھەرلىك خۇسۇسىيىتى بار. 
18. ۋىتامىن A: كۆپ مىقداردا ئىشلەتكەندە، كەمتۈك تۇغۇلۇپ قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 
 19. ۋىتامىن A ئىزومېر(异构体): تېرە كېسەللىكىنى داۋالاش، 异维甲酸نى تۆرەلمىنىڭ پەيدا بولۇش مەزگىلىدە دورا ئىشلەتكەندە ھەر خىل غەيرىلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
20. 依曲替酯(芳香维甲酸): تەڭگە تەمرەتكىنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ. يېرىم يىمىرىلىش ۋاقتى بەك ئۇزۇن، دورىنى توختىتىپ ئىككى يىلدىن كېيىن قاننى تەكشۈرتكەندە، قاننىڭ تەركىبىدە يەنە شۇ دورىنىڭ تەركىبى بايقالغان، دورىنى توختىتىپ كەم دېگەندىمۇ ئىككى يىلدىن كېيىن، ئاندىن ھامىلىدار بولسا بولىدۇ.
21. ھورمۇن تۈردىكىلەر: دانازول(达那唑)،乙烯雌酚، ئومۇمەن ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئىشلىتىشىگە ماس كەلمەيدۇ. ئېغىزدىن ئىچىلىدىغان ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى 沙丘度受نىڭ مۇتلەق بولغان نورمالسىزلىقنى پەيدا قىلىش رولىغا ئىگە.

Tags:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى