ھامىلىدارلىقنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدىكى ئايالنىڭ كۆكسىدىكى ئۆزگىرىش
يانفوندا كۆرۈش
ھامىلىدارلىقنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدە بەدەن ئېغىرلىقى 5~6 كىلوگرام ئارتىدۇ، قورساق يوغىناپلا قالماي، كۆكسىمۇ كۆرۈنەرلىك يوغىنايدۇ، بىر قاراپلا بۇنى بىلگىلى بولىدۇ. ئەسلىدىكى باغىرداقمۇ كىچىك كېلىپ قالىدۇ، ئەڭ ياخشىسى ھامىلىدارلار ئۈچۈن مەخسۇس لايىھەلەنگەن مەخسۇس ئىچ كىيىم كىيىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ ۋاقىتتا ھامىلىدار ئايالنىڭ كۆكسىنىڭ ئىچىدە سۈت ئاجرىلىپ چىقىشقا باشلايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئەمچەك توپچىسىدىن ئاز مىقداردا سۈت ئاجرىلىپ چىقىدۇ. ئەمچەك دېغىنىڭ رەڭگى قېنىقلىشىدۇ، تېخىمۇ قارىدايدۇ، ئەمچەك دېغى بەزلىرى تېخىمۇ كۆتۈرۈلۈپ چىقىدۇ، كۆكسى داۋاملىق يوغىنايدۇ، ئۇستىدىكى قورۇقلار تېخىمۇ ئېنىقلىشىدۇ. ئانىلىق ھورمۇن سەۋىيىسىنىڭ ئېشىشى سەۋەبىدىن ئەمچەك توپچىسىنىڭ سەزگۈرلىكىمۇ ئاشىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئەمچەك دەسلەپكى سۈت ئاجرىتىپ چىقىرىشى مۇمكىن، ئەلۋەتتە ۋاقىت قەرەلىنىڭ توشۇشىغا يېقىنلاشقانسېرى سۈت ئاجرىلىتىپ چىقىرىش ئەھۋالى تېخىمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ.