12 ھەپتىلىك بولغان ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئوزۇقلۇق كۆرسەتكۈچى
ۋاقتى: 2016-07-26
ئاۋاتلىقى: 627 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ھامىلىدارلىقنىڭ 12 ھەپتىسىدە، ئوزۇقلۇقنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىرگە، ئىلاجنىڭ بېرىچە زۆرۈر بولمىغان بەدەن ئېغىرلىقىدىن ساقلىنىش كېرەك. پۈتكۈل ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى بەدەن ئېغىرلىقنىڭ ئېشىشى 10-12 كىلوگرامغىچە بولسا بولىدۇ. ئوزۇقلۇقنىڭ زىيادە كۆپ بولۇش تۈپەيلىدىن ھامىلىنىڭ زىيادە چوڭ بولۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىش، بولمىسا تۇغۇتقا قىيىنچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى سېمىزلىك ھامىلىدارلىق يۇقىرى قان بېسىمى، ھامىلىدارلىق دىيابېت كېسىلى قاتارلىق ھامىلىدار ئايال ۋە ھامىلىنىڭ ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
12 ھەپتىلىك بولغاندا نېمىلەرنى ئاز يېسە ياخشى: ھامىلىدار ئاياللار پىلتا قۇيماق يېسە مۇۋاپىق ئەمەس، شاكىلات، تەييار چۆپ، تېتىتقۇ قاتارلىقلارنى كۆپ يېسە مۇۋاپىق ئەمەس.
Tags: