ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئوزۇقلۇقنى كۈچەيتىش كېرەك

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئوزۇقلۇقنى كۈچەيتىش كېرەك

ۋاقتى: 2015-09-17 ئاۋاتلىقى: 628 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. چۈنكى، ھامىلە ئانا بەدىنىدىن بىۋاسىتە ئوزۇقلۇق سۈمۈرىدۇ. ئەگەر ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ئوزۇقلىنىش ناچار بولسا، ھامىلىنىڭ يېتىلىشى تەسىرگە ئۇچراپ، ئۇنىڭدا ئېغىر ھالدىكى غەيرىيلىكىنى پەيدا قىلىدۇ. ئوزۇقلىنىشنىڭ زىيادە بولۇپ كېتىشىمۇ ئاسانلا بوۋاق ۋە ئانىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. شۇڭا ھامىلىدارلار مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىشى، يېتەرلىك ئاقسىل، ۋىتامىن، مىكرو ئېلېمېنتلارنى تولۇقلاپ تۇرۇشى كېرەك.

1. يېتەرلىك ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسى ۋە ئوزۇقلۇق ماددىلارنى قوبۇل قىلىش كېرەك. ھامىلىدارلارنىڭ كۈندىلىك ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسى ۋە ئوزۇقلۇق ماددىلارنى قوبۇل قىلىش ئۆلچىمىگە ئاساسەن، تائاملارنى مۇۋاپىق تەڭشەپ يېيىشى، تائاملارنىڭ تۈرىنى تولۇقلىشى، مىقدارىنى ئۆلچەملەشتۈرۈشى كېرەك. بولۇپمۇ ھامىلىدارلاردا ئاسانلا كەمچىل بولىدىغان كالتسىي، تۆمۈر، ۋىتامىن D ۋە B تۈرىدىكى ۋىتامىنلارنى تولۇقلاشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك.
2. يېمەكلىكلەرنىڭ كۆپ خىل بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. كۈندىلىك تائاملار تەركىبىدە ئۇن، گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر، كۆكتات، مېۋە – چېۋە، سۈت ۋە سۈت ياسالمىلىرى، شۇنداقلا ئوخشاش تۈردىكى ھەر خىل يېمەكلىكلەرنى نۆۋەت بىلەن قوبۇل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
3. مۇۋاپىق مىقداردا غىزالىنىش كېرەك. ھەر قېتىم غىزالانغاندا بىر خىل تويۇش سېزىمى بولىدۇ. ئاشقازان – ئۈچەي يۈكىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن ھەم ئېچىرقاش سېزىمىنىڭ پەيدا بولۇشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ھەر ۋاخ غىزادىكى كۆكتات تەركىبىنى، ياخشىسى، يىرىك ۋە قاتتىق، قويۇق ۋە سۇيۇق يېمەكلىكلەرنى ماسلاشتۇرۇپ، ئورگانىزمنىڭ ئوخشىمىغان ئوزۇقلۇق تەركىبلەرنى ھەزىم قىلىپ سۈمۈرۈشىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش كېرەك.
4. مۇۋاپىق غىزالىنىش تەرتىپى بولۇش كېرەك. پۈتۈن كۈنلۈك يېمەكلىكنى خاراكتېرى، مىقدارى، بەلگىلەنگەن ۋاقىت بويىچە مۇۋاپىق تەقسىملەش كېرەك. ئۈچ ۋاخ غىزادىكى ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسىنىڭ تەقسىملىنىشى ئەتىگەنلىك تائامدا %25 – %30، چۈشلۈك تائامدا %40، كەچلىك تائامدا %30 – %35  بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ. ئەگەر ھەزىم قىلىش ئەزالىرىنىڭ فۇنكسىيىسى تۆۋەنلىسە، غىزالىنىش قېتىم سانىنى ئازايتىش ۋە تەڭشەش كېرەك.
5. كۆكتات قورىغاندا تەمىنى مۇۋاپىق تەڭشەش، ئوزۇقلۇقنىڭ خورىشىنى ئازايتىش، ئىمكانقەدەر تائاملارنىڭ رەڭگىنى كۆركەملەشتۈرۈش، پۇرىقىنى مەززىلىك، تەمىنى ئۆزگىچە قىلىش ئارقىلىق ئىشتىھانى غىدىقلاپ، يېمەكلىكنىڭ ھەزىم بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى