ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئۈزۈم تۆرەلمىسىنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى

ئۈزۈم تۆرەلمىسىنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى

ۋاقتى: 2016-05-30 ئاۋاتلىقى: 554 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھەيزنىڭ توختىشى ئۈزۈم تۆرەلمىسىنىڭ ھامىلىدارلىق تۇخۇمىدىكى ئوزۇقلۇق قاتلىمىدا پەيدا بولغانلىقتىندۇر، شۇڭلاشقا 2-3 ئاي ياكى ئۇنىڭدىن ئۇزۇن ۋاقىت ھەيز توختايدۇ.
جىنسىي يولدىن قان ئېقىش ئەڭ ئېغىر بولغان كېسەللىك ئالامىتىدۇر، ئۈزۈم تۆرەلمىسىنىڭ تەبىئىي بويىدىن ئاجرىغانلىقنىڭ ئىپادىسى. ئادەتتە ھەيز توختاپ 2-3 ئاي ئىچىدە باشلىنىدۇ، كۆپىنچە ئارىلاپ-ئارىلاپ ئاز مىقداردا كېلىدۇ، بىراق بۇ ئارىلىقتا تەكرار كۆپ قېتىم قان چىقىشى مۇمكىن، ئەگەر ئەستايىدىل تەكشۈرسە، بەزىدە قاننىڭ تەركىبىدە سۇلۇق قاپارتمىلىق ماددىلار بولىدۇ. جىنسىي يولدىن ئاققان قان ئېنىقكى بالىياتقۇدىن كەلگەن بولىدۇ، جىنسىي يولدىن ئاققاندىن سىرت، بىر قىسمى بالىياتقۇ ئىچىدە يىغىلىپ قالىدۇ؛ ھەممىسىنىڭ بالىياتقۇ ئىچىدە يىغىلىپ قېلىپ، ئادەت توختاش ۋاقتى ئۇزىراپ كېتىشىمۇ مۇمكىن.
بالىياتقۇنىڭ چوڭىيىشى    كۆپ قىسىم بىمارلارنىڭ بالىياتقۇسى ئادەت توختىغان ۋاقىتنىڭكىدىن چوڭ بولىدۇ، كۆپ بىمارلار تۆۋەنكى قورساقتىكى تۈگۈنچەكنى تۇتقانلىقى تۈپەيلىدىن دوختۇرخانىغا بېرىپ كۆرۈنىدۇ، بىراق ئاز قىسىمدىكى بالىياتقۇنىڭ چوڭ=كىچىكلىكى ھەيز توختىغان ۋاقىت بىلەن تەڭ ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كىچىك بولۇشى مۇمكىن. ئىككى خىل ئەھۋال بولۇشى مۇمكىن: (1) تىۋىتلىق سۇلۇق ئىششىق يىگىلەپ، تەرەققىي قىلىشتىن توختاپ، توختاپ قالغان ئۈزۈم تۆرەلمىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ؛ (2) بىر قىسىم سۇلۇق ئىششىقلىق چىقىرىپ تاشلىنىپ، بالىياتقۇ كىچىكلەپ، تولۇق بويىدىن ئاجرىمىغان ئۈزۈم تۆرەلمىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

قورساق ئاغرىش    بالىياتقۇ تېزدىن چوڭايغانلىقى ئۈچۈن كۆپۈپ ئاغرىيدۇ، ياكى بالىياتقۇدىن قان چىقىپ، بالىياتقۇنى غىدىقلاپ ئاغرىق پەيدا قىلىدۇ، بەزىدە ئېغىر بەزىدە يېنىك بولىدۇ. 
ھامىلىدارلىقتىكى زەھەرلىنىش ئالامىتى   تەخمىنەن يېرىمدەك بىمارلاردا ئادەت توختىغاندىن كېيىن ئېغىر دەرىجىدىكى قۇسۇش كۆرۈلىدۇ، بىر قەدەر كېيىن بولسا يۇقىرى قان بېسىمى، ئىششىش ھەمدە ئاقسىل سىيىش كۆرۈلىدۇ. 
ھامىلىنى كۆرگىلى بولمايدۇ    ئادەت توختاپ سەككىز ھەپتىدىن كېيىن ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرگەندە، ھامىلە قېپى، ھامىلە يۈرىكى ۋە ھامىلىنى كۆرگىلى بولمايدۇ. ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا قار پارچىسىگە ئوخشاش كۆلەڭگىنى كۆرگىلى بولىدۇ، ھامىلىنىڭ كۆلەڭگىسىنى كۆرگىلى بولمايدۇ.

تۇخۇمدان فلاۋىنسىمان قاپلىق ئىششىق       ئادەتتە بىر قىسىم بىمارلاردا فلاۋىنسىمان قاپلىق ئىششىق كۆرۈلىدۇ، قوش يولدىن تۇتۇپ دىياگنوز قويۇش ياكى ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ئارقىلىق تېخىمۇ ئاسان بايقىغىلى بولىدۇ.
قان قۇسۇش     بىر قىسىم بىمارلاردا قان قۇسۇش ياكى بەلغەم قان ئارىلاش كېلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، دوختۇر ئاكتىپلىق بىلەن بۇ خىل ئەھۋالنىڭ بار-يوقلىقىنى سوراش كېرەك.
قان ئازلىق ۋە يۇقۇملىنىش       تەكرار قان چىقىپ ۋاقتىدا داۋالاشقا ئىگە بولالمىسا، ئېنىقلا قان ئازلىق كېسىلىگە ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ، ئايرىملىرى ھەتتا قان چىقىش سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىدۇ. تەكرار قان چىققاندا ئاسان يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، مەسىلەن جىنسىي يولدىن تەكشۈرۈش ئۆلچەملىك بولمىسا ياكى قان چىققان ۋاقىتلاردا جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسە، ئاسان يۇقۇملىنىشنىڭ پەيدا بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. يۇقۇملىنىش بالىياتقۇ ھەمدە قوشۇمچە ئەزالاردا كۆرۈلۈپ، قان چىرىش كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

Tags:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى