ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﮪﻪﯞﻩﺳﻨﯩﯔ ﻧﻮﺭﻣﺎﻟﺴﯩﺰﻟﯩﻘﻰ

ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﮪﻪﯞﻩﺳﻨﯩﯔ ﻧﻮﺭﻣﺎﻟﺴﯩﺰﻟﯩﻘﻰ

ۋاقتى: 2015-10-28 ئاۋاتلىقى: 660 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

كىشىلەرنىڭ جىنسىي كۈچى ئوخشاش بولمايدۇ، بەزى كىشىلەرنىڭ جىنسىي شەھۋىتى ئارتۇق بولىدۇ، بەزى كىشلەرنىڭ نورمال ۋە بەزىلەرنىڭ كەم كېلىدۇ. لېكىن ئەڭ ياخشىسى نورمال بولغىنىدۇر. نورمال جىنسىي كۈچكە ئىگە كىشى ــ ئايالىغا ھەپتىدە بىر ياكى ئىككى قېتىم يېقىنلاشسا ھېچقانداق چارچاش ھېىس قىلمايدىغان كىشىدۇر. مەنىي ـ ئىساننىڭ جىسمى ۋە ئەقلى ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان ماددىدۇر. ئۇنى ئاسىراش كېرەك. ئايال كىشىلەرمۇ ئەرلەرگە ئوخشاش جىنسىي ھەۋەستە بىر خىل ئەمەستۇر. بەلكى ئاياللارنىڭ جىنسىي ھەۋەسلىرى ئەرلەرگە نىسبەتەن قىسمەن ئاز بولىدۇ. ئايال كىشىنىڭ جىنسىي كۈچى ۋە ھەۋىسى ئادەت كۆرۈش، تۇغۇت، بالا ئېمىتىش ۋە قاتتىق چارچاشلارنىڭ سەۋەبى بىلەن ئاجىزلىشىپ، كۈچىيىپ تۇرىدۇ. ئەر كىشىلەر ئاياللىرىنىڭ بۇ خىل نورمالسىز مىجەزلىرىنى ئاڭلىق چۈشىنىشى ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى ئايال كىشىنىڭ مىجەزى ياخشى بولالماي قالغان ۋاقىتلاردا ئېرىنىڭ ھەۋىسىگە قىزىقمايدۇ. ئەمما مىجەزى ياخشى بولۇپ قالغان ۋاقىتلاردا ئېرىنىڭ ھەۋىسىگە تېزلا ماسلىشىدۇ. ئايالىنىڭ بۇخىل ئۆزگىرىشچان مىجەزىنى توغرا چۈشەنمىگەن كىشى ئايالىنى يامان گۇمان قىلىدىغان ياكى ئايالىدىن رەنجىپ قالىدىغان كەيپىياتلاردا بولۇپ قالىدۇ. بۇ، ئەر ـ خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتكە ئەلۋەتتە تەسىر يەتكۈزمەي قالمايدۇ. ئەرلەرمۇ بەزىدە، ئايالىغا قارىتا ھەۋەسسىز ۋە ھېسسياتسىز بولۇپ قالىدۇ. ھەتتا ئۆزلىرىنى جىنسىي ئالاقىنى بېجىرىشتىن ئاجىز كەلگەندەك ھېس قىلىپ قالىدۇ. بۇ تەبئىي ئەھۋال. ئەمما بۇ خىل ئەھۋال كېسىەللىكتىن ياكى جىنسىي ئاجىزلىقتىن بولمايدۇ. بۇ خىل ئەھۋاللار ئەر كىشىنىڭ بېشىغا كەلگەن مۇسىبەت، كۆڭۈلسىزلىك، غەم ـ قايغۇ، خاتىرجەمسىزلىك قاتارلىق ھادىسىلەرنىڭ سەۋەبى بىلەن بولىدۇ. ئەمما بۇخىل ئەھۋال ئوزۇن دۋام قىلمايدۇ. بەلكى ئاز ۋاقىت ئىچىدىلا ئەر كىشى ئۆز ئەسلىگە كېلىدۇ. بەزى ۋاقىتلاردا، ئەر كىشى تۇيۇقسىزلا جىنسىي ئالاقىنى بېجىرەلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ. بۇمۇ ئۇنىڭدىكى جىنسىي ئاجىزلىق ياكى جىنسىي كېسەللىك ئەمەس. بەلكى ئۇنىڭ بۇ ئىشنى بېجىرىشتىن ئاجىز كېلىشى يېڭى ئايالىدىن خىجىل بولغانلىقتىن ياكى ئۇنى ياقتۇرمىغانلىقتىن ياكى بۇ ئايالى بىلەن ئۇنىڭ بىرىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىشى بولمىسىمۇ ئۇنىڭ ھىد ـ بويىدىن ياكى باشقا تەرەپلىرىدىن نەپرەتلەنگەنلىكىدىن ياكى ئايالىنىڭ ئۇنىڭغا ماسلاشماستىن، ھېسسىياتسىز بولىۋالغانلىقىدىن ياكى ئايالى ئۇنىڭدىن نەپرەتلىنىپ، ئۇنى بىئارام قىلىپ قويغانلىقتىن بولىدۇ. دېمەك، بۇ خىل ئەھۋال پەقەت ئايال كىشىنىڭ سەۋەبى بىلەن بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋاللاردا ئەر كىشىنى جىنسىي تەرەپتىن ئاجىز دەپ ھۆكۈم قىلىشقا بولمايدۇ. ئۇ ئاجىزلىق ئەمەس. بەلكى بۇ شۇنداق ۋاقىتلىق ئۆزگىرىش بولۇپ، كېيىن ئوڭشىلىپ قالىدۇ.

«ئىسلامدىكى ئائىلە تۈزۈمى» ناملىق ئەپ(يان تېلېفون يۇمشاق دېتالى)دىن ئېلىندى. مەزمۇننى تەمىنلىگەن قېرىندىشىمىزغا كۆپ رەھمەت!

 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى