ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تاماق تاللىسا قانداق قىلىش كېرەك؟

ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تاماق تاللىسا قانداق قىلىش كېرەك؟

ۋاقتى: 2015-12-29 ئاۋاتلىقى: 689 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئىشتىھانى ئاشۇرۇدىغان يېمەكلىكلەرنى تاللاش. مەسىلەن پىدىگەن، تەرخەمەك، قىزىلمۇچ، موگۇ، ئالما قاتارلىقلار، ئۇلارنىڭ رەڭگى ئوچۇق، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، ئاسانلا ئادەمنىڭ ئىشتىھاسىنى ئاچىدۇ.


ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئاسان سۈمۈرۈلىدىغان، شۇنداقلا ياندۇرۇشنى يەڭگىللىتىدىغان يېمەكلىكلەرنى تاللاش. ھايۋانات خاراكتېرىدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ ئىچىدە بېلىق، تۇخۇم، سۈت، توخۇ، پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ ئىچىدە دۇفۇ، پۇرچاق قىيامى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئاسان ھەزىم بولۇپ سۈمۈرۈلىدۇ، ھەمدە مول بولغان ئاقسىل بار، شۇنداقلا تەمى ئۆزگىچە، ھامىلىدار ئاياللار دائىم ئىستىمال قىلسا بولىدۇ. شوۋىگۈرۈچ، قورۇلغان ھور نان، ھور نان، پېچىنە ئاسان ھەزىم بولۇپ سۈمۈرۈلىدۇ، قەنت مىقدارى يۇقىرى، قەنتنى تولۇقلاپ، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ياندۇرۇش تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان كىسلاتادىن زەھەرلىنىشنى ياخشىلايدۇ.

تەھرىر  تەۋسىيەسى:

ھامىلىدارلىقنىڭ تۇنجى ھەپتىسىدە ھامىلىدار ئايالدا بولىدىغان ئۆزگىرىشلەر

ھامىلىدار بولغاندا نېمىشقا سېزىك بولىدۇ؟

تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى سالامەتلىكىنى تەكشۈرتۈش

 قېتىق، ماروژنى قاتارلىق سوغۇق يېمەكلىكلەر ئىسسىق يېمەكلىكلەرگە قارىغاندا پۇرىقى ئاجىز، ياندۇرۇشنى توختىتىش رولى بار، يەنە ئاقسىلنىڭ تولۇقلىنىشىنى كۆپەيتىدۇ، ھامىلىدار ئاياللار مۇۋاپىق ئىستىمال قىلسا بولىدۇ.
تەم تەڭشىگۈچلەر ياقتۇرىدىغان بولۇش كېرەك. ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ يېمەكلىك ئادىتى ئۆزگىرىدۇ، تەم تەڭشىگەندە لىمون سۈيى، ئاچچىقسۇ قۇيۇلغان سوغۇق سەيلەرنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ، يەنە مېزىلىك قىلغۇچى ماتېرىياللار، مەسىلەن زەنجىۋىل، قىزىلمۇچ قاتارلىقلارنى ئىشلىتىپ، يېمەكلىكنى غىدىقلاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە قىلىشقا بولىدۇ. سوغۇق يېمەكلىكلەر  ئاشقازانغا بولغان غىدىقلاشنى ئازايتىدۇ، مەسىلەن ئاز مىقداردىكى مۇزلۇق چوكا، ماروژنى قاتارلىقلار.
يېگۈسى كەلگەندە يېيىش، ئازدىن كۆپ قېتىم يېيىش. ھامىلىدارلىق ئىنكاسى بىر قەدەر ئېغىر بولغان ھامىلىدار ئاياللار يېگۈسى كەلسىلا يېيىش كېرەك. مەسىلەن ئۇخلاشتىن بۇرۇن ياكى ئورنىدىن تۇرغاندا كارىۋاتتا ئولتۇرۇپ ئازراق پېچىنە يەپ قىلغاندا، ياندۇرۇشنى يەڭگىللىتىپ، تاماقنىڭ مىقدارىنى كۆپەيتكىلى بولىدۇ.
تاماق يېگەن ۋاقىتتا كەيپىياتنى كۆتۈرەڭگۈ تۇتۇش كېرەك. تاماق ئۈستىلىنىڭ ئۈستىگە چىرايلىق گۈللەرنى قويۇپ قويغاندا، ھامىلىدار ئايالنىڭ تىت-تىت بولۇشنى يوقىتىپ، ھامىلىدار ئايالنىڭ ئىشتىھاسىنى ئېچىپ، ھامىلىنىڭ نورمال يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى