ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىقنىڭ 8-ھەپتىسىدە، يۈز نېرۋا ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇپ قالسا ھامىلىگە نىسبەتەن تەسىرى بارمۇ؟

ھامىلىدارلىقنىڭ 8-ھەپتىسىدە، يۈز نېرۋا ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇپ قالسا ھامىلىگە نىسبەتەن تەسىرى بارمۇ؟

ۋاقتى: 2015-10-23 ئاۋاتلىقى: 733 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھامىلىدارلىقنىڭ 8-ھەپتىسىدە،  يۈز نېرۋا ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇپ قالسا ھامىلىگە نىسبەتەن تەسىرى بارمۇ؟
ئادەتتىكى پەرۋىش:  جىددىي ۋاقتىدا (قوزغىلىپ ئىككى ھەپتە ئىچىدە) ئارام ئېلىشقا دىققەت قىلىش، سىرتقا ئاز چىقىش،  شامالداپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن سىرتقا چىققاندا ماسكا تاقىۋېلىش كېرەك.  ئاقما ھالەتتىكى تاماقنى يېيىش،  تاماق يېگەندە تاماق قالدۇقى ئاسان كېسەل تەرەپتىكى قوۋۇز چىش ئارىلىقىدا تۇرۇپ قالىدۇ،  تاماقتىن كېيىن ئېغىز چايقاش،  ئېغىز بوشلۇقى تازىلىقىنى ساقلاش كېرەك.  كېسەلگە قاراپ پەرۋىش قىلىش:  جىددىي مەزگىلىدە يۈزنى ئىسسىق ساقلاشقا دىققەت قىلىپ،  قۇلاقنىڭ كەينىگە ھەم كېسەل تەرەپتىكى يۈزگە ئىسسىق ئۆتكۈزۈش كېرەك.  يۈز مۇسكۇلى پالەچلەنگەنلىكتىن بوشاپ كۈچسىزلىنىدۇ،  كېسەلدىن كېيىن يەرلىك ئورۇننى ئۇۋىلاش كېرەك.  ئۇسۇلى:  ئەينەككە قاراپ تۇرۇپ قولنى پالەچ تەرەپتىكى يۈز مۇسكۇلىغا قويۇپ چەمبەر شەكلىدە ئۇۋىلاش،  كۈندە ئۈچ قېتىم،  ھەر قېتىمدا10-15مىنۇت ئۇۋۇلىسا قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.  نېرۋا ئىقتىدارى ئەسلىگە كېلىشكە باشلىغاندىن كېيىن،  بىمارنى ئىلھاملاندۇرۇپ پالەچ تەرەپتىكى يۈز مۇسكۇلىنى خالىغانچە ئىختىيارى ھەرىكەت قىلىشنى مەشىق قىلدۇرۇپ،  پالەچ تەرەپنىڭ بالدۇر ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.  ئەگەشمە كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش:  كېسەل تەرەپتىكى كۆز قاپىقى تولۇق يېپىلمايدۇ، شۇڭا سىرتقا چىققاندا ياكى ئۇخلىغاندا كۆز توسقۇچ تاقىۋېلىپ،  ئۇخلاشتىن بۇرۇن خوڭ مېي سۇ(红霉素) كۆز مەلھىمىنى سۈرۈۋالسا،  مۈڭگۈز پەردە ياللۇغى ياكى ئاشكارا خاراكتېرلىك بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.  ئەگەر يۇقىرىقى ئۇسۇللار ئۈنۈمسىز بولسا،  باشقا ئۇسۇللارنى ئىشلىتىش كېرەك.  ئىمكانقەدەر ھامىلىگە تەسىر قىلماسلىقنى پىرىنسىپ قىلىش كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى