ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە غىلاپ ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا قانداق قىلىش كېرەك؟

ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە غىلاپ ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا قانداق قىلىش كېرەك؟

ۋاقتى: 2016-03-07 ئاۋاتلىقى: 723 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

   1. ھامىلىدارلىقنىڭ  دەسلەپكى مەزگىلىدە سۈپەتلىك تۇغۇش ھەققىدە مەسلىھەت سوراش، ئۇمۇميۈزلۈك سالامەتلىك تەكشۈرتۈش باكتېرىيە، ۋىروس، مىكروبلازما ۋە خلامىدىيە قاتارلىقلارنىڭ يۇقۇملاندۇرۇشى بار-يوقلىقىنى تەكشۈرتۈش. ئەگەر كېسەل بولسا يۇشۇرماسلىق، ئەڭ ياخشىسى ۋاقىنچە ھامىلىدار بولماسلىق، ئۈزۈل-كېسىل ساقايغاندىن كېيىن ئاندىن ھامىلىدار بولۇش لازىم، دوختۇر يول قويغان دائىرىدە يۈرەكلىك دورا ئىشلىتىش، بوۋاقلارغا بولغان تەسىرىدىن ئەنسىرىمەسلىك كېرەك، چۈنكى ھامىلىدارلىق بولۇشتىن ئىلگىرىكى داۋالىنىش ئۈنۈمى ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى داۋالىنىشقا قارىغاندا كۆپ ياخشى بولىدۇ.


 2. ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ساقسىز بولۇپ قالسا، ئاق خۇن قېتىق شەكلىدە، سۈپىتى ئۆزگىرىپ كەتكەن كالا سۈتىگە ئوخشاش بولسا، زەمبۇرۇغ تىپلىق غىلاپ ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان بولۇشى مۇمكىن، بىراق بۇ خىل كېسەللىكنىڭ پەقەت تەسۋىسىمان باكتېرىيە سەۋەبىدىن كېلىپ چىقماستىن،  مىكروپلازما، خلامىدىيە قاتارلىقلارمۇ ئاسانلا ئارىلىشىپ كەتكەن بولىدۇ. ئاق خۇننى تەكشۈرگەندە ئېنىق بولسىلا، دوختۇر كېسەلگە ئاساسەن داۋالاش ئېلىپ بارسا بولىدۇ.
3. ئاياللار ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە چوقۇم شەخسىي تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. ئىچ كىيىملىرىنى دائىم ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشى، دائىم يۇيۇنۇپ تۇرۇشى لازىم. بولۇپمۇ جىنسىي ئالاقە جەريانىدا ھەمراھى ۋە ئۆزىنىڭ بەدىنىنىڭ تازىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىپ غىلاپ ياللۇغى كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش  لازىم.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى