ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىقنىڭ 9-ھەپتىسىدىكى ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىش ئەھۋالى

ھامىلىدارلىقنىڭ 9-ھەپتىسىدىكى ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىش ئەھۋالى

ۋاقتى: 2016-07-14 ئاۋاتلىقى: 803 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بۇ ۋاقىتتا سىزنىڭ يېڭى ئائىلە ئەزايىڭىزنىڭ ئۇزۇنلىقى ئارانلا 2.5 سانتىمېتىر ئەتىراپىدا بولۇپ، ئىنتايىن يېنىك، تەخمىنەن بىر تال ئۈزۈمچىلىك چوڭلۇقتا بولىدۇ، لېكىن ئاساسىي تۈزۈلۈشى ئاللىقاچان شەكىللىنىپ بولغان بولۇپ، بەدەن ئېغىرلىقى تېز سۈرئەتتە ئېشىشقا باشلايدۇ. ئۇ بارغانچە كىچىك ئادەمگە ئوخشاپ قالىدۇ. بۇ ۋاقىتتا تۆرەلمىنىڭ قۇيرۇقى پۈتۈنلەي يوقايدۇ. ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرى يېتىلىشكە باشلايدۇ، مەسىلەن، ئىچكى ئەزالىرى، مۇسكۇل ۋە نېرىپ قاتارلىقلار. 


بۇ ۋاقىتتا تۆرەلمىنىڭ كۆز قاپىقى كۆزىنى پۈتۈنلەي توسىۋالىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە چىڭ يۇمۇلغان ھالەتتە بولىدۇ. 27-ھەپتىسىگە بارغاندا ئاندىن تۆرەلمىنىڭ كۆزى ئېچىلىدۇ. ئۇنىڭ قۇلاق يۇمشىقى ئۆسۈشكە باشلايدۇ، 9-ھەپتە ئاخىرلىشىپ قالغاندا قۇلاقنىڭ ئىچكى تۈزۈلۈشىمۇ شەكىللىنىپ بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا تۆرەلمىنىڭ ئۈستۈنكى لەۋ پۈتۈنلەي شەكىللىنىپ بولىدۇ. ئېغىز، بۇرۇن ۋە بۇرۇن تۆشىكى تېخىمۇ ئېنىقلىشىدۇ. ئۇنىڭ بارماقلىرىنىڭ ئۇچىمۇ ئۆسىدۇ، بارماق ئۇچى ئۇنىڭ تېگىش سىزىمىنىڭ نېرىپلىرى يېتىلىدىغان ئورۇن. تۆرەلمىنىڭ بارلىق ئاساسىي بوغۇملىرى، مەسىلەن، مۈرە بوغۇمى، جەينەك بوغۇمى، بېغىش بوغۇمى، تىز بوغۇمى شۇنداقلا ئوشۇق بوغۇمى قاتارلىقلار ھەرىكەتلىنىشكە باشلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ كىچىككىنە پۇت-قوللىرى ھەرىكەتلىنىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ يۈرىكى تۆت بوشلۇققا بۆلۈنۈپ بولىدۇ، يۈرەك كلاپانلىرى يېتىلىشكە باشلايدۇ. ھامىلىنىڭ تاشقى جىنسىي ئەزاسى كۆرۈنۈشكە باشلايدۇ، لېكىن يەنە بىر نەچچە ھەپتىدىن كېيىن ئاندىن ئۇنىڭ جىنسىنى پەرق ئەتكىلى بولىدۇ. 
تۆۋەندىكىلىرى ھامىلىنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىنىڭ تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلىشى: 
كۆز قاپىقى: بۇ ۋاقىتتا بوۋاقنىڭ ئاستى-ئۈستى قاپاقلىرى مەھكەم يۇمۇلغان بولۇپ، 27-ھەپتىسىگە بارغاندا ئاندىن ئېچىلىدۇ. 
قۇلاق يۇمشىقى: بۇ ۋاقىتتا ھامىلىنىڭ قۇلاق يۇمشىقى ئۆسۈپ چىقىدۇ. 
تىۋىتلىق پەردە تىۋىتچىلىرى: ئەگەر سىز تىۋىتچىنى بىئوپسىيەلىك تەكشۈرتمەكچى بولسىڭىز، بۇ ۋاقىتتا دوختۇر تۆرەلمە تەخسىسىدىن ئىنتايىن كىچىك بولغان تىۋىتچىلەردىن بىر قىسىم ھۈجەيرىلەرنى ئېلىپ تەكشۈرىدۇ. 
قول بارماقلىرى: ھامىلىنىڭ قول بارماقلىرىنىڭ ئۇچى ئۆسىدۇ. بۇ ئورن ئۇنىڭ تېگىش نېرىپلىرى يېتىلىدىغان ئورۇن. 
مۈرە: بۇ ۋاقىتتا ھامىلە پۇت-قوللىرىنى ھەرىكەتلەندۈرەلەيدۇ. مۈرە بوغۇمى، جەينەك بوغۇمى، بېغىش بوغۇمى، تىز بوغۇمى شۇنداقلا ئوشۇق بوغۇمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاساسلىق بوغۇملىرىنىڭ ھەممىسى ھەرىكەتلىنەلەيدۇ. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى