ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىقنىڭ 10-ھەپتىسىدىكى ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىش ئەھۋالى

ھامىلىدارلىقنىڭ 10-ھەپتىسىدىكى ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىش ئەھۋالى

ۋاقتى: 2016-06-25 ئاۋاتلىقى: 555 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بۇ مەزگىلدە تۆرەلمىنىڭ چوڭلۇقى پەقەت بىر ئاپېلسىنچىلىك بولۇپ، بېشىدىن ساغرىسىغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 2.5 سانتىمېتىردىن ئاشىدۇ، ئېغىرلىقى يەتتە گرامغا يەتمەيدۇ، لېكىن، بۇ ۋاقىتتا ئۇ ئۆسۈپ-يېتىلىش مەزگىلىدىكى ئەڭ مۇھىم باسقۇچتىن ئۆتۈپ بولىدۇ. بۇ مەزگىل دەل ھامىلە دەۋرىنىڭ باشلانغان ۋاقتىدۇر. بۇ مەزگىلدە ئۇنىڭ بەدىنىدىكى توقۇلما ۋە ئەزالار تېز سۈرئەتتە ئۆسۈپ-يېتىلىشكە باشلايدۇ. ئۇنىڭ مۇھىم ئىچكى ئەزالىرىدىن جىگەر، بۆرەك، ئۈچەي-ئاشقازان، چوڭ مېڭە ۋە ئۆپكە قاتارلىق ئەزالىرى ئۆز ئورنىغا مۇقىملىشىپ بولىدۇ، شۇنداقلا « خىزمەت» قىلىشقا باشلايدۇ. ئۇ ئەزالار پۈتۈن ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە داۋاملىق تەرەققىي قىلىدۇ. ھامىلىنىڭ جىگىرى داۋاملىق قىزىل قان دانچىلىرى ئىشلەپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭدىن بۇرۇن تۇخۇم سېرىقى خالتىسى ئىزچىل قىزىل قان دانچىلىرىنى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەيتتى، ئەمما 10-ھەپتىدىن كېيىن بۇنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ، تۇخۇم سېرىقى خالتىسى بارا-بارا يوقاپ كېتىدۇ. 


بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۈچ ھەپتە ئىچىدە، ھامىلە ئۇزۇنلۇقى بىر ھەسسە ئاشىدۇ. 7.6 سانتىمېتىرغا يېتىدۇ. ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا، ئۇنىڭ بېشى ئالدىنقى نەچچە ھەپتىدىكىدىن سەل كىچىكلەيدۇ، لېكىن يەنىلا پۈتۈن بەدىنىنىڭ يېرىمىغا يېقىن قىسمىنى ئىگەللەيدۇ. چوڭ مېڭە تەرەققىي قىلىۋاتقان بولغاچقا، ئۇنىڭ پىشانىسى بېشىنىڭ ئۈستى تەرىپىدە بولۇپ ئالدىغا خېلىلا كۆتۈرۈلۈپ چىققان بولىدۇ. ۋاقىتتىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ كۆتۈرۈلۈپ چىققان ئالدىنقى پىشانە بارا-بارا كىچىكلەيدۇ، قارىماققا ئادەم سىياقىغا كىرىدۇ. ھەر كۈنى ھامىلىنىڭ بەدىنىدە تېخىمۇ كۆپ بولغان كىچىك-كىچىك ئۆزگىرىشلەر بولۇپ تۇرىدۇ، مەسىلەن، كىچىككىنە قول بارماقلىرىنىڭ تىرناقلىرى، پۇت بارماقلىرىنىڭ تىرناقلىرى ۋە شاپتۇلنىڭ پوستىدىكى تۈكچىلەرگە ئوخشايدىغان چاچلىرى پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ قول بارماقلىرى پۈتۈنلەي ئايرىلىدۇ. جەينەك بوغۇمىنى ھەرىكەتلەندۈرەلەيدۇ، شۇنداقلا ئاستا ئايلاندۇرالايدۇ. بېغىشنى ھەرىكەتلەندۈرەلەيدۇ. بىر جۈپ قولىنى كۆكرىكى ئالدىدا تېگىشتۈرۈپ تۇرالايدۇ. ئۇنىڭ پۇتىمۇ ئۆسىدۇ، بىر جۈپ پۇتى بەدىنىنىڭ ئالدىدا تېگىشىپ تۇرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئۇ باش سۈيىنى يۇتۇش ۋە پۇتىنى تېپىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ. 
ئەگەر بۇ مەزگىلدە سىز بوۋىقىڭىزنىڭ سۈرىتىنى كۆرەلىسىڭىز، ئۇنىڭ قەغەزدەك نېپىز تېرىسىدىن ئۇنىڭ ئومۇرتقىسىنىڭ ئىزىنى كۆرەلەيسىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ ئومۇرتقىسىدىن نېرۋىلار سوزۇلۇپ چىقىدۇ. 
تۆۋەندە ھامىلىنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرىمىز: 
1) چوڭ مېڭە: چوڭ مېڭىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشى سەۋەبىدىن، ھامىلىنىڭ ئالدىنقى پىشانىسى بېشىنىڭ ئۈستى قىسمىدا بولۇپ، ئېگىز كۆتۈرۈلۈپ چىقىدۇ. 
2) تۇخۇم سېرىقى خالتىسى: ھامىلىنىڭ جىگىرى قان ھۈجەيرىلىرى ئىشلەپ چىقىرىشنى باشلايدۇ؛ تۇخۇم سېرىقى خالتىسى ئۆز ۋەزىپىسىنى تۈگىتىپ، ئاستا-ئاستا يوقاپ كېتىدۇ. 
3) قول بارماقلىرى: ھامىلىنىڭ قول بارماقلىرى پۈتۈنلەي ئايرىلىدۇ، تىرناقلىرى ئۆسۈشكە باشلايدۇ. 
4) ھامىلىدار ئايالنىڭ بالىياتقۇسى: ھامىلىدار ئايالنىڭ بالىياتقۇسى بىر ھەسسە چوڭىيىدۇ، ئەسلىدىكى نەشپۈت چوڭلۇقىدىكى بالىياتقۇ ئۈزۈمسىمان ئاپېلسىننىڭ چوڭلۇقىچىلىك بولىدۇ. 

تەھرىر تەۋسىيەسى:

ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا بېشى قايسا قانداق قىلىش كېرەك؟

خىزمەتتىكى ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستىراتىگىيسى(1)

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى