ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىقنىڭ 26-ھەپتىسىدىكى ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىش ئەھۋالى

ھامىلىدارلىقنىڭ 26-ھەپتىسىدىكى ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىش ئەھۋالى

ۋاقتى: 2016-07-10 ئاۋاتلىقى: 660 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بۇ ۋاقىتتا ھامىلىنىڭ ئېغىرلىقى 900 گرامغىمۇ يەتمەيدۇ، بېشىدىن پۇتىغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 35.6 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتىن باشلاپ تاكى بالا تۇغۇلغىچە، ھامىلىنىڭ بەدىنىدىكى ياغلارنىڭ يىغىلىشى بىلەن ئۇنىڭ ئېغىرلىقى ئۈچ ھەسسىدىن كۆپرەك ئارتىدۇ. ھامىلە بەدىنىدىكى ياغلارغا تايىنىپ بالىياتقۇدىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى تۆۋەن تېمپېراتۇرىغا ماسلىشىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھامىلىنىڭ تېنىدىكى ياغلار يېڭى تۇغۇلۇپ بىر نەچچە كۈنگىچە بوۋاقنى ئېنېرگىيە ۋە ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەيدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئېغىرلىقى تۆۋەنلەيدۇ، ھەتتا بەدەن ئېغىرلىقى %10 ئەتراپىدا تۆۋەنلەيدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئانا سۈتىدە ئېمىتىلگەن بوۋاقلاردا كۆپ ئۇچرايدۇ. بوۋاقنىڭ قۇلىقىنىڭ نېرۋا يولى ئۆسۈپ-يېتىلىۋاتقان بولىدۇ، بۇ ئۇنىڭ ئاۋازغا بولغان ئىنكاسىدا بىردەكلىك بولۇشقا باشلايدۇ. ھامىلىنىڭ ئۆپكىسىمۇ يېتىلىۋاتقان بولۇپ، ھامىلە باش سۈيى ئىچىدە كىچىك-كىچىك نەپەس ئالىدۇ، بۇ ئۇنىڭ تۇغۇلغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم نەپەسلىنىش ئۈچۈن بىر مەشىق بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر ھامىلە ئوغۇل بولسا، ئۇنىڭ ئۇرۇقدېنى ئۇرۇقدان خالتىسى ئىچىگە يۆتكىلىپ بولىدۇ، بۇ جەريانغا تەخمىنەن 2~3 كۈن ۋاقىت كېتىدۇ. 

تۆۋەندە ھامىلىنىڭ ۋە ئانىنىڭ ھەر قايسى قىسىملىرىنىڭ تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلۇشى بېرىلدى:
قۇلاق: بوۋاقنىڭ قۇلىقىنىڭ نېرۋا يولى ئۆسۈپ-يېتىلىۋاتقان بولىدۇ، ئۇنىڭ ئاۋازغا بولغان ئىنكاسىدا بىردەكلىك بولۇشقا باشلايدۇ. 
دۈمبە قىسمى: ھامىلىدار ئايالنىڭ بەدىنىنىڭ ئېغىرلىق مەركىزىدە ئۆزگىرىش بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە پروگېستىننىڭ تەسىرىدە بوغۇم ۋە پەي-سىڭىرلار بوشىشىپ، دۈمبە قىسمى تېلىپ ئاغرىغاندەك ھېس قىلىدۇ. 
كۆپىيىش ئەزاسى: ئەگەر ھامىلە ئوغۇل بولسا، ئۇنىڭ ئۇرۇقدېنى ئۇرۇقدان خالتىسى ئىچىگە چۈشىدۇ. بۇنىڭغا تەخمىنەن 2~3 كۈن ۋاقىت كېتىدۇ.


تەھربر تەۋسىيەسى:

بوۋاقلار پەرۋىشىدىن مەسلىھەت

بۆشۈك بالىسى — خان بالىسى

قايسى ۋاقىتتا بالىلارغا ساغلاملىق تەكشۈرۈشى ئېلىپ بىرىش كېرەك؟

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى