ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىقنىڭ 10-ھەپتىسىدىكى ھامىلىدار ئايالنىڭ بەدەن ئەھۋالىدىكى ئۆزگىرىشلەر

ھامىلىدارلىقنىڭ 10-ھەپتىسىدىكى ھامىلىدار ئايالنىڭ بەدەن ئەھۋالىدىكى ئۆزگىرىشلەر

ۋاقتى: 2016-07-23 ئاۋاتلىقى: 788 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھامىلىدار بولۇشتىن بۇرۇن، سىزنىڭ بالىياتقۇيىڭىز پەقەت بىر تال نەشپۈتنىڭ چوڭلۇقىدا بولۇپ، ھامىلىدار بولۇپ 10-ھەپتىگە كەلگەندە بىر تال ئاپېلسىننىڭ چوڭلۇقىچىلىك بولىدۇ. بالا ھەمرىيى ئاللىقاچان پىشىپ يېتىلىدۇ، ئۇ ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىنى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەيدىغان مەنبە ھېسابلىنىدۇ. ھامىلىدار ئايالنىڭ قورسىقى بارغانسېرى يوغىناپ، بەدەن شەكلىدە ئۆزگىرىش بولىدۇ. بەدەن ئېغىرلىقى تېز سۈرئەتتە ئاشىدۇ، بېلى توملىشىدۇ، كۆكرىكى چوڭىيىدۇ. ئەمچەك توپچىسىنىڭ يۈزىدە ئاق رەڭلىك كىچىك دانچىلار پەيدا بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، بۇ دانچىلارنىڭ تەركىبىدە ئاق رەڭلىك سىلىقلىغۇچى رىئاكتىپلار بولۇپ، تۇنجى سۈتنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى ئۈچۈن تەييار بولغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. 


پروگېستىن(ھامىلىدارلىق ھورمۇنى)(孕激素)نىڭ تەسىرىدە ھامىلىدار ئايالنىڭ كەيپىياتى تۇراقسىز بولىدۇ، ئۇ تەلۋىلىشىدۇ، ئاچچىقلىنىش، كۆڭلى يېرىم بولۇش شۇنداقلا ئاسان چېچىلىش قاتارلىق ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ، بەزىدە بۇ ئۆزگىرىشلەر پەقەت 10 سېكونت ئىچىدە يۈز بېرىشى مۇمكىن. ھامىلىدار ئايالنىڭ نېرۋىلىرى ئىنتايىن سەزگۈر بولۇپ، كىچىككىنە كۆڭلىگە ياقمىغان ئىشلارمۇ ئۇلارنى قاتتىق غەزەپلەندۈرىدۇ. ئاياللارنىڭ بۇ خىل مىجەزى مەڭگۈلۈك ئەمەس ئەلۋەتتە، مىجەزىڭىزدە بۇنداق ئۆزگىرىش بولسا ئۆزىڭىزنى ئارتۇقچە ئەيىبلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، ھەربىر ھامىلىدار ئايال سىز بىلەن ئوخشاش ھېسسىياتتا بولىدۇ. ھامىلىدار بولۇش ئۆز مىجەزىگە كۆنۈشنىڭ تۇنجى قېتىملىق مەشىقى ھېسابلىنىدۇ، مەشىقنى پۈتۈن كۈچىڭىز بىلەن ياخشى قىلىڭ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى