ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىقنىڭ 11-ھامىلىدار ئايالنىڭ بەدىنىدىكى ئۆزگىرىشلەر

ھامىلىدارلىقنىڭ 11-ھامىلىدار ئايالنىڭ بەدىنىدىكى ئۆزگىرىشلەر

ۋاقتى: 2016-03-23 ئاۋاتلىقى: 636 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھامىلىدارلىقنىڭ 11-ھەپتىسى، ھامىلىدار ئايالنىڭ بالىياتقۇسى ئاق تۇرۇچنىڭ چوڭلۇقىچىلىك بولىدۇ، ھامىلىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ بالىياتقۇ چوڭىيىدۇ، بالىياتقۇ تېگى دوۋسۇن سۆڭەك بىرلەشمىسى ئۈستى تەرىپىدىن سىلاپ ھېس قىلغىلى بولىدۇ. بەدەننىڭ قان مىقدارى كۆپىيىدۇ، نورمال ئاياللارنىڭ تېنىدە بەش لېتىر قان بولىدۇ، ھامىلىدار بولۇپ تۇغۇپ بولغۇچە بەدەندىكى قان بىر لېتىر ئاشىدۇ، يەنى تەخمىنەن %20 ئاشىدۇ. قان مىقدارى تېخىمۇ كۆپەيگەندىن كېيىن قان بېسىمى نورماللىشىپ، باش قېيىش، كۆز چاقناش، چارچاش، كاللىسى قالايمقانلىشىش ئەھۋاللىرى يېنىكلەپ قالىدۇ. 


ھامىلىدارلىقنىڭ 11-ھەپتىسى ھامىلىدار ئايال قورساق قىسمىدا قېنىق بىر تىك سىزىقنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى بايقىشى مۇمكىن، بۇ ھامىلىدارلىق سىزىقى، يۈزىدىمۇ قېنىق قۇڭۇر رەڭلىك داغلار پەيدا بولۇشى مۇمكىن، بۇنىڭدىن ئەنسىرەپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق، بۇنىڭ ھەممىسى ھامىلىدارلىق ئالامەتلىرى، تۇغۇتتىن كېيىن تۇغۇت داغلىرى ئۆزلىكىدىن يوقايدۇ ياكى سۇسلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كۆكسى داۋاملىق يوغىناپ، ئەمچەك دېغى ۋە توپچىسىنىڭ رەڭگى قېنىقلىشىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا جىنسىي يولدىن سۈترەڭ ئاجرالمىلار ئاجرىلىپ چىقىدىغان ئالامەتلەر كۆرۈلۈشى مۇمكىن. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى