ھامىلىدارلىقنىڭ 26-ھەپتىسى ھامىلىدار ئايالنىڭ بەدىنىدىكى ئۆزگىرىشلەر
ۋاقتى: 2016-01-03
ئاۋاتلىقى: 628 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ھامىلىدارلىقنىڭ 26-ھەپتىسىگە قەدەم قويغاندا بالىياتقۇ كىندىكتىن ئالتە سانتىمېتىر ئەتراپىدا يۇقىرى بولغان ئورۇنغا كۆتۈرۈلىدۇ. دوۋسۇن سۆڭەك بىرلەشمىسىدىن باشلاپ ئۆلچىگەندە تەخمىنەن 26 سانتىمېتىر كېلىدۇ. ئەگەر نورمال ئۆلچەم بويىچە بولغاندا بەدەن ئېغىرلىقى ئاللىقاچان 10 كىلوگرام ئارتىدۇ.
قورساق ۋە كۆكسىنىڭ تېرىسىدە ھامىلىدارلىق سىزىقچىلىرى پەيدا بولىدۇ. بۇ تېرىنىڭ سوزۇلغانلىقىنىڭ ئىپادىسى. ئۇۋۇلاپ بېرىش ۋە نەملىك ساقلاش مايلىرىنى سۈرۈش ئارقىلىق ئالدىنى ئالغىلى ۋە يوقاتقىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەگەر دۈمبە قىسمىڭىز ئاغرىغاندەك بولسا بۇ ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ھورمۇنلارنىڭ تەسىرىدىن بولغان بولىدۇ،