ھامىلىدارلىقنىڭ 28-ھەپتىسىدىكى ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىش ئەھۋالى
ۋاقتى: 2016-07-26
ئاۋاتلىقى: 719 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
بۇ ۋاقىتتا ھامىلىنىڭ ئېغىرلىقى 900 گرامدىن ئېشىپ كېتىدۇ، بېشىدىن پۇتىغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 37.6 سانتىمېتىر بولىدۇ. بۇ ھەپتىدىكى ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىش: ھامىلە كۆزىنى ئاچىدۇ، ئۇنىڭ كىرپىكلىرى پۈتۈنلەي چىقىپ بولىدۇ. ئەگەر قورساقنىڭ سىرتىغا ئۇزۇن ۋاقىت يورۇقلۇق تۇتۇلسا، ھامىلە يورۇقلۇق چۈشكەن تەرەپكە بېشىنى بۇرايدۇ. ھامىلە تېنىدە ياغلار داۋاملىق يىغىلىپ، تۇغۇلغاندىن كېيىن سىرتقى دۇنيادا ياشاش ئۈچۈن تەييارلىق كۆرۈلىدۇ.