ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

فولىك كىسلاتاسى (يوپۇرماق كىسلاتاسى)نى توغرا تولۇقلاش ھەققىدە

فولىك كىسلاتاسى (يوپۇرماق كىسلاتاسى)نى توغرا تولۇقلاش ھەققىدە

ۋاقتى: 2016-08-29 ئاۋاتلىقى: 763 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

1) فولىك كىسلاتاسىنى قانداق تولۇقلاش كېرەك؟
تەركىبىدە فولىك كىسلاتاسى مول بولغان يېمەكلىكلەرنىڭ تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ، لېكىن فولىك كىسلاتاسى يورۇقلۇق ۋە ئىسسىقلىقنىڭ تەسىرىدە ئۆزىنىڭ خۇسۇسىيىتىنى يوقىتىدىغان بولغاچقا، كىشىلەرنىڭ يېمەكلىكتىن فولىك كىسلاتاسىنى كۆپ قوبۇل قىلالمايدۇ. مەسىلەن، كۆكتاتنى 2~3 كۈن ساقلىغاندىن كېيىن ئۇنىڭ تەركىبىدىكى فولىك كىسلاتاسىنىڭ %50~70ى يوقاپ كېتىدۇ، قاينىتىش قاتارلىق ئۇسۇلدا پىشۇرۇپ يېگەندە فولىك كىسلاتاسىنىڭ %50~95ى خورايدۇ. تۇز سۈيىگە چىلانغانغان كۆكتاتلار تەركىبىدىكى فولىك كىسلاتاسىنىڭ كۆپ قىسمى خوراپ كېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھامىلىدار ئاياللار كۆكتاتلارنى پىشۇرۇش ئۇسۇللىرىنى ئۆزگەرتىشى، ئامال بار فولىك كىسلاتاسىنىڭ خوراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا تەركىبىدە فولىك كىسلاتاسى مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش كېرەك، زۆرۈر بولغاندا فولىك كىسلاتاسى تولۇقلايدىغان دورىلارنى ئىچىشى كېرەك. ئىلگىرى ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىلىرىنى ئىچكەن ئاياللار ئەڭ ياخشىسى دورا توختىتىپ ئۈچ ئايدىن كېيىن ئاندىن ھامىلىدار بولۇشى كېرەك، بۇنىڭ بىلەن ھامىلىدە غەيرىيلىك شەكىللىنىش خەتىرىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۈزۈكى سالدۇرغانلار، ئۈزۈكنى ئالدۇرىۋەتكەندىن كېيىنكى بىر ئاي ئىچىدە ھامىلىدار بولسا بولمايدۇ، چۈنكى بالىياتقۇ مەلۇم ئەسلىگە كېلىش ۋاقتىغا مۇھتاج بولىدۇ، ئۈچ ئايغىچە X نۇرى، بۇلغانغان ھاۋا ۋە يۇقىرى رادىئاكسىيە مۇھىتىدىن يىراق تۇرۇش كېرەك. ئاغرىپ قېلىپ ئانتىبىئوتىكلارنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك، كۈنىگە 0.4 مىللىگرام فولىك كىسلاتاسى تولۇقلاش كېرەك. 

2) فولىك كىسلاتاسىنى قالايمىقان تولۇقلاشقا بولمايدۇ.
ئۇزۇن مەزگىل فولىك كىسلاتاسى دورىلىرىنى ئىستېمال قىلغاندا، ھامىلىدار ئايالنىڭ سىنىك مېتابولىزمى تەسىرگە ئۇچرايدۇ، بەدەنگە سىنىك يېتىشمىگەندە، ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشى تەسىرگە ئۇچرايدۇ. 
فولىك كىسلاتاسى دورىلىرىنى ئەڭ ياخشىسى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى ئاستىدا ئىستېمال قىلىش كېرەك. ھازىر بازاردىكى بىردىنبىر دۆلەت سەھىيە تارماقلىرىنىڭ تەستىقىغا ئېرىشكەن، ھامىلىنىڭ نېرۋا نەيچىلىرىنىڭ غەيرىيلىكىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان فولىك كىسلاتاسى دورىسى «سىلىئەن» تابلىتى ( 斯利安片) بولۇپ، ھەربىر تال تابلىتنىڭ تەركىبىدىكى فولىك كىسلاتاسىنىڭ مىقدارى 400 مىكروگرام. 
ئەگەر ئىلگىرى نېرۋا نەيچىسى كەمتۈك بولغان بوۋاق تۇغقان تارىخى بار ئاياللار قايتا ھامىلىدار بولماقچى بولسا، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى ئاستىدا، كۈندە قوبۇل قىلغان فولىك كىسلاتاسىنىڭ مىقدارىنى مۇۋاپىق كۆپەيتىش كېرەك، تاكى 12 ھەپتىگىچە داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. 
ئۇزۇن مەزگىل ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىلىرى ۋە تارتىشىپ قېلىشقا قارشى تۇرىدىغان دورىلارنى ئىستېمال قىلغان ئاياللارنىڭ فولىك كىسلاتاسى قاتارلىق ۋېتامىنلارنىڭ مېتابولىزمى تەسىرگە ئۇچرىشى مۇمكىن. ھامىلىدار بولۇشنى پىلان قىلغانلار ئەڭ ياخشىسى ئالتە ئاي بۇرۇن دورا توختىتىش كېرەك، شۇنداقلا مۇۋاپىق فولىك كىسلاتاسى قاتارلىق ۋېتامىنلارنى تولۇقلاش كېرەك. 
بۇنىڭدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ، كەلگۈسىدىكى بوۋىقىڭىزنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئانا بولغۇچى فولىك كىسلاتاسىنى تولۇقلاشقا سەل قارىماسلىقى كېرەك. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى