ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىقنىڭ 27-ھەپتىسى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

ھامىلىدارلىقنىڭ 27-ھەپتىسى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

ۋاقتى: 2015-10-02 ئاۋاتلىقى: 741 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

1) دانلىق زىرائەتلەر ۋە پۇرچاق تۈرىدىكىلەرنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىش كېرەك
بۇ ۋاقىتتىن باشلاپ تاكى بالا تۇغۇلغىچە ئانا بولغۇچى دانلىق زىرائەتلەر ۋە پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىشى كېرەك. چۈنكى ھامىلە تېخىمۇ كۆپ ئوزۇقلۇق ماددىغا مۇھتاج. تالالىق يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدە ۋېتامىن Bنىڭ مىقدارى مول بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، مەسىلەن، بۇغداي ئۇنى بولكىسى ۋە باشقا بۇغداي ئۇنى يېمەكلىكلىرى، پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر، يىرىك ئاشلىقلار قاتارلىقلار، بۇلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلغان ياخشى. 
2) كالىتسىي ۋە تۆمۈرنى داۋاملىق تولۇقلاش كېرەك 
ھامىلىنىڭ چوڭ بولۇشىغا ئەگىشىپ، ئانىنىڭ تۆمۈرگە بولغان ئېھتىياجى بىر ھەسسە ئاشىدۇ، كالىتسىيغا بولغان ئېتىياجىمۇ ئاشىدۇ. شۇڭا يېمەكلىكتىن تۆمۈر ۋە كالىتسىي قوبۇل قىلىشقا سەل قاراشقا بولمايدۇ. يېمەكلىكلەر تەركىبىدىكى كالىتسىي ۋە تۆمۈرنىڭ قوبۇل قىلىنىش ئۈنۈمى يۇقىرى. لېكىن پەقەت يېمەكلىكتىنلا قوبۇل قىلىنغان تۆمۈر ۋە كالىتسىي ئانا ۋە بالىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدۇ ئەلۋەتتە، بۇ ۋاقىتتا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە تۆمۈر ۋە كالىتسىي تولۇقلايدىغان، ئەكس تەسىرى يوق بولغان دورىلار ئارقىلىق تولۇقلاشقا بولىدۇ. 

3) يوشۇرۇن كۆزەينەكنى ئاز تاقاش ياكى تاقىماسلىق كېرەك.
ئانا بولغۇچى ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئىچكى ئاجرىتىش سىستېمىسىدا زور ئۆزگىرىش بولىدۇ، بەدەندىكى ھورمۇن ئىقتىدارى تەڭپۇڭ بولماي قالىدۇ. بەدەننىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىغا ئارتۇق سۇ يىغىلىپ قالىدۇ، ئەلۋەتتە كۆز مۈڭگۈز پەردىسىمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس. مۈڭگۈز پەردە توقۇلمىلىرىدا يېنىك دەرىجىدە سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا داۋاملىق يوشۇرۇش كۆزەينەك تاقىغاندا مۈڭگۈز پەردىگە ئوكسىگېن يېتىشمەي، ئۇنىڭ زەخمىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يوشۇرۇن كۆزەينەكنىڭ ھەرقانچە ياخشىسى بولسىمۇ بەرىبىر كۆزگە نىسبەتەن يات نەرسە، شۇنىڭ ئۈچۈن ئانا بولغۇچى يوشۇرۇن كۆزەينەك تاقاشنى توختىتىپ، جاھازىلىق كۆزەينەك تاقىشى، مۈڭگۈز پەردىگە ئارام ئالغۇدەك شارائىت بېرىشى كېرەك. 
3) تۇغۇت تەييارلىقىنى بالدۇر قىلىش كېرەك
تۇغۇت ۋاقتىغا بارغانسىرى يېقىنلاپ قالدى، بەلكىم بۇ ۋاقىتتىن باشلاپ كۆڭلىڭىزنى قورقۇنچ بېسىۋېلىشى مۇمكىن. بۇ ۋاقىتتىن باشلاپ بىر قىسىم تۇغۇتقا ئائىت كىتابلار ياكى سىنئالغۇلارنى كۆرۈپ، تۇغۇت جەريانىنى چۈشىنىش كېرەك. ھازىر نۇرغۇن تۇغۇتتىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغان دوختۇرخانىلار پات-پات ھەرخىل دەرسلىكلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇۋاتىدۇ، سىز تۇغۇت جەريانىغا مۇناسىۋەتلىك دەرسلەرنى تاللاپ قاتناشسىڭىز بولىدۇ، بۇنداق قىلسىڭىز ئىچىڭىزدىكى قورقۇنچنى يېنىكلىتەلەيسىز.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى