ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىق 29-ھەپتىسىدىكى ئايالنىڭ بەدەن ئۆزگىرىشى

ھامىلىدارلىق 29-ھەپتىسىدىكى ئايالنىڭ بەدەن ئۆزگىرىشى

ۋاقتى: 2015-05-12 ئاۋاتلىقى: 642 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھامىلىدارلىقنىڭ 29 -ھەپتىسىگە قەدەم قويغاندىن كېيىن ھامىلىدار ئايالنىڭ بالىياتقۇنىڭ ئېگىزلىكى كىندىكتىن 7.6~10.2 سانتىمېتىر يۇقىرى بولىدۇ، دوۋسۇن سۆڭەك بىرلەشمىسىدىن ئۆلچىگەندە 29 سانتىمېتىر كېلىدۇ. ھازىر بالىياتقۇنىڭ ئورنى دوۋسۇنغا نىسبەتەن بېسىم  پەيدا قىلىدۇ. ھامىلىدار ئايال يەنە ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى ئۈچ ئايلىق مەزگىلىگە كېلىپ قالغاندەك ھېس قىلىپ قايتا-قايتا ھاجەتخانىغا بارىدۇ ھەم ھەمىشە دوۋسۇندا سۈيدۈك قېلىپ قالغاندەك ھېس قىلىدۇ. ھەتتا كۈلگەن، يۆتەلگەن ياكى يەڭگىل ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان ۋاقىتتىمۇ سۈيدۈك چىقىپ كېتىدۇ. 


ھامىلىدار ئايال كۆپ يول يۈرگەن ياكى بەدىنى بەك چارچاپ كەتكەن ۋاقىتتا، ھامىلىدار ئايال قورسىقى پات-پات جىددىيلەشكەندەك بولىدۇ، بۇ بولسا نورمال بولغان بالىياتقۇنىڭ تەرتىپسىز قىسقىرىشى. ھامىلىدار ئايال ئوڭدىسىغا ياتقاندا باش قېيىش ھېس قىلىدۇ، يۈرەك رېتىمى ۋە قان بېسىمىدا ئۆزگىرىش بولىدۇ. ئەگەر ئوڭدىسىغا يېتىشتىن يانچە يېتىشقا ئۆزگەرتسە ئالامەتلىرى يوقاپ كېتىدۇ. ھامىلىدارلىقنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئۈچ ھەپتىسىدە كۆپ ساندىكى ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ھەممىسىدە بۇرۇن پۈتۈش ياكى بۇرۇن قاناش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ، بۇ خىل ئەھۋاللار ناھايىتى نورمال بولۇپ تۇغسىلا ياخشى بولۇپ كېتىدۇ، ئاسارىتى قالمايدۇ.
 
تەھرىر تەۋسىيەسى:
ھامىلىدار ئاياللار بىلىشكە تېگىشلىك ساۋاتلار:(كومپيۇتېر زىيارەتچىسى/تېلېفون زىيارەتچىسى)

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى