ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىقنىڭ 31-ھەپتىسىدىكى ھامىلىدار ئايالنىڭ بەدەن ئۆزگىرىشىدىن خۇلاسە

ھامىلىدارلىقنىڭ 31-ھەپتىسىدىكى ھامىلىدار ئايالنىڭ بەدەن ئۆزگىرىشىدىن خۇلاسە

ۋاقتى: 2015-07-20 ئاۋاتلىقى: 652 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھامىلىدارلىقنىڭ 31–ھەپتىسىگە كىرگەندىن كېيىن ھامىلىدار ئايالنىڭ بالىياتقۇ ئاستى ئاللىبۇرۇن دىئافراگمىغىچە يۆتكىلىپ بولغان بولۇپ، سىز دائىم ئاشقازىنىڭىزنىڭ بىئارام بولغانلىقنى ھېس قىلىسىز، بولۇپمۇ تاماق يېگەندىن كېيىن. بۇ خىل ئالامەت تەخمىنەن ھامىلە 34  ھەپتىلىك بولۇپ بېشى تۆۋەنلەپ داس بوشلۇقىغا كىرگەندە يەڭگىللەيدۇ. سىز بەدەن ئېغىرلىقىڭىزنىڭ ناھايىتى تېز ئېشىۋاتقانلىقنى بايقايسىز، بۇ  بالىڭىزنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتىنىڭ ناھايىتى تېز ئىكەنلىكىدىن بولىدۇ. 


ھامىلىدار ئايالنىڭ كىندىك ئەتراپى، تۆۋەنكى قورساق ھەم سىرتقى ئەۋرەت قىسمىنىڭ رەڭگى بارغانچە قېنىقلىشىدۇ، بەلكىم سىزنىڭ بەدىنىڭىزدىكى ھامىلىدارلىق سىزىقى بىلەن يۈزىڭىزدىكى ھامىلىدارلىق دېغى تېخىمۇ روشەنلىشىپ كېتىشى مۇمكىن. نۇرغۇن ھامىلىدار ئانىلار ئۇيقۇسىنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئەمەستەك ھېس قىلىدۇ، بولۇپمۇ قورسىقى يوغىناپ يېتىش، قوپۇش، ئۆرۈلۈشنىڭ ھەممىسى قىيىنلىشىپ قانداقلا ياتسا بىئارامسىزلىق ھېس قىلىدۇ. ئۇخلاشتىن ئىلگىرى دادا بولغۇچىنى ياردەملىشىپ، سىزنىڭ پۇت ۋە دولىڭىزنى يەڭگىل ئۇۋىلاپ مۇسكۇللارنى بوشاشتۇرسا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بالىڭىزنىڭ ناھايىتى تېزلا سىز بىلەن يۈز كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئويلاڭ! بۇنچىلىك بىئارامسىزلىق كىشىنى ئۇنچە بەكمۇ قىيناپ كەتمەيدۇ. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى