ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىقنىڭ 30-ھەپتىسىدە ھامىلىدار ئايال نېمە يېسە ياخشى؟

ھامىلىدارلىقنىڭ 30-ھەپتىسىدە ھامىلىدار ئايال نېمە يېسە ياخشى؟

ۋاقتى: 2016-10-30 ئاۋاتلىقى: 781 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش


ھامىلىدار بولغىلى 30 ھەپتە بولغاندا، ھامىلىدار ئايال كۆپرەك سۈت ئىچىشى، ھەركۈنى ئەڭ ياخشىسى ئىككى ئىستاكان( 500 مىللىلىتىر)، پۇرچاق ئۇيۇتمىسى، پۇرچاق مەھسۇلاتلىرى، لامنارىيە(خەيدەي) ۋە قىزىل دېڭىز يۈسۈنى(زىسەي) قاتارلىقلارنى يېسىمۇ بولىدۇ. كالىتسىي كەملىك بىرقەدەر ئېغىر بولغان ھامىلىدار ئاياللار دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن كالتىسي ياسالمىسىنى ئىستېمال قىلىپ بەرسە بولىدۇ، ھامىلىدارلىقنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە بالىنىڭ ئوزۇقلۇق ئېھتىياجى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يېتىدىغان بولۇپ بۇ ۋاقىتتا ھامىلىدار ئايال يېتەرلىك ئاقسىل، ۋىتامىن C، ۋىتامىن B تۈردىكىلەر، يوپۇرماق كىسلاتاسى، تۆمۈر ياسالمىسى ۋە كالتىسي ياسالمىسىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تەركىبدە رەڭلىگۈچ، چىرىشتىن ساقلىغۇچى ماددا بار يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك؛ مەسىلەن: كونسېرۋا، كولباسا، قەھۋە ماددىسى، ئىسپرت ماددىسى بار ئىچىملىكلەر؛ تۇز مىقدارى يۇقىرى، مايدا قورۇلغان يېمەكلىكلەر، ئاچچىق تەم تەڭشىگۈچلەر؛ خام گۆش، خام بېلىق پارچىسى، خام تۇخۇم قاتارلىقلار. 

ھامىلىدار بولغىلى 30 ھەپتە بولغاندا نېمە يېسە ياخشى: ھامىلىدار ئاياللار لىجى مېۋىسىنى كۆپ يېسە بولمايدۇ. 
ھامىلىدار بولغىلى 30 ھەپتە بولغاندا نېمىنى كۆپ يېسە ياخشى: ھامىلىدار ئاياللار تاپان بېلىق، ، تاسما بېلىق، تەكىيە كاۋىسى قاتارلىقلارنى كۆپ يەپ بەرسە سۇلۇق ئىششىقنى يەڭگىللىتىدۇ. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى