ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىقنىڭ 26-ھەپتىسى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

ھامىلىدارلىقنىڭ 26-ھەپتىسى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

ۋاقتى: 2016-03-14 ئاۋاتلىقى: 822 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

1) مېۋە-چىۋىنى زىيادە كۆپ يېيىش پايدىسىز 
نۇرغۇن ئانا بولغۇچى ئاياللار «مېۋە-چىۋىنى كۆپ يەپ بەرگەندە، كېيىن بالامنىڭ تېرىسى ياخشى بولىدۇ» دەپ ئويلايدۇ-دە، كۆپ مىقداردا مېۋە يەيدۇ، ھەتتا مېۋە-چىۋىنى تاماقنىڭ ئورنىدا يەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئانا بولغۇچى مۇۋاپىق مىقداردا مېۋە يەپ بەرگەندە پايدىسى بار، ئەمما بەك كۆپ يەۋالسا ئەكسىچە زىيىنى بولىدۇ. چۈنكى مېۋە-چىۋىلەر ۋېتامىن ۋە يېمەكلىك تالالىرىدىن باشقا ئوزۇقلۇق مىقدارى كۆپ ئەمەس، ئەكسىچە شېكەر مىقدارى مول بولۇپ، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى دىئابىت كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنداقلا ئاسانلا بەدەن ئېغىرلىقى ئارتىپ كېتىش، ھامىلە زىيادە چوڭ بولۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. 
2) تەركىبىدە ۋېتامىن C ۋە تۆمۈر مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىش 
بەزى ئانىلاردا ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى دىئابىت كېسىلى ياكى كەم قانلىق ئالامەتلىرى ئېغىرلاپ كېتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە داۋالاش ئېلىپ بېرىش كېرەك. يېمەكلىك جەھەتتە تەركىبىدە تۆمۈر مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىش كېرەك، شۇنداقلا ۋېتامىن C مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىش كېرەك، ئۇ بەدەننىڭ تېخىمۇ كۆپ تۆمۈرنى سۈمۈرۈشىگە ياردەم بېرىدۇ.
 
3) بەزى ئانىلار كەچقۇرۇن ۋاقىتلاردا پۇتنىڭ ئوشۇق قىسىملىرىنى بارماق بىلەن باسقاندا، قولنىڭ ئىزى ياكى كۆرۈنەرلىك ئويمان شەكىللىنىپ قالىدىغانلىقىنى بايقايدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى ئۈزلۈكسىز يوغىناۋاتقان بالىياتقۇ تۆۋەنكى كاۋاك ۋىناسىنى بېسىۋېلىپ، يۈرەككە قايتىدىغان قاننىڭ مىقدارىنى ئازلىتىۋېتىدۇ. بۇ ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى نورمال ھادىسە. 
4) ھامىلىدار ئاياللار رەسىمگە چۈشكەندە ئەنسىرەش ھاجەتسىز
كۆپلىگەن ھامىلىدار ئاياللار ھامىلىدارلىق مەزگىلىدەX  نۇرىدا تەكشۈرتۈشكە قەتئىي بولمايدىغانلىقىنى، بولمىسا ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىشىنى ياكى غەيرىيلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى، بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن ئاياللار فوتو ئاپپاراتتا رەسىمگە چۈشكەندىمۇ ئوخشاش ناچار تەسىر بولۇشىدىن ئەنسىرەيدۇ، X  نۇرىدا تەكشۈرتۈش X  نۇرىنى بەدەن توقۇلمىلىرىدىن ئۆتكۈزۈپ نۇسخا ئېلىپ، كېسەللىككە دىياگونوز قويىدۇ. ئەكسىچە، فوتو رەسىمىگە تارتىش جەريانىدا ھېچقانداق زىيانلىق نۇر چىقمايدۇ، تەبىئىي چىراق نۇرى بەدەنگە زىيان يەتكۈزمەيدۇ، شۇڭا رەسىمگە خاتىرجەم چۈشۈۋېرىڭ، بۇ ئالاھىدە دەۋرىڭىزدىن گۈزەل خاتىرىلەرنى قالدۇرۇڭ. 
5) كەيپىياتنى تەڭشەپ، كۆڭلىڭىزنى ئازادە تۇتۇڭ
بۇ مەزگىلدە كۆڭلىڭىزنىڭ ئارامى بولمايۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىشىڭىز مۇمكىن، ئۇيقۇڭىز ناچارلىشىپ، تولا قارا باسىدۇ. بۇ ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە، يېقىندا ئانا بولۇشتىن ئىبارەت بۈيۈك ۋەزىپىنى ئۈستىڭىزگە ئالىدىغانلىقىڭىز سىزگە بېسىم بولۇپ خاتىرجەمسىزلىنىشتىن كېلىپ چىقىدۇ. بۇ نورمال ئەھۋال، بۇنىڭدىن ئۆزىڭىزنى ئەيىبلەپ كېتىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. ئەڭ مۇھىمى بوۋىقىڭىزنىڭ ساغلام ئۆسۈپ-يېتىلىشى ئۈچۈن ياخشى كەيپىياتنى ساقلىشىڭىز كېرەك. بۇ ۋاقىتتا يولدىشىڭىز ياكى دوستلىرىڭىزغا ئىچىڭىزدىكى دېسىڭىز بولىدۇ. پىسخىكىدا « دەرت تۆكۈش» ئەڭ ياخشى كەيپىيات تەڭشەش ئۇسۇلىدۇر. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى