ھامىلىدارلىقنىڭ 32-ھەپتىسىدە ھامىلىدار ئايال نېمە يېسە ياخشى بولىدۇ—ئوزۇقلۇق، يېمەك-ئىچمەكتىن خۇلاسە
ۋاقتى: 2015-10-30
ئاۋاتلىقى: 717 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ھامىلىدار بولغىلى 32 ھەپتە بولغاندا ھامىلىدار ئايالنىڭ كۈندە 5~6 قېتىم تاماق يېيىشىنى تەشەببۇس قىلىمىز، يەنە بەزى ئاشقازان قۇۋۋەتلەيدىغان، ئاسان ھەزىم بولۇپ سۈمۈرۈلىدىغان ئۇماچ بىلەن سەي شورپىسىغا بەزى سەي، گۆشلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ يېسە بولىدۇ. ھامىلىدار ئايال مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىشقا دىققەت قىلىپ ھەر ھەپتىدە 1~2 قېتىم بەدەن ئېغىرلىقىنى ئۆلچەپ، بەدەن ئېغىرلىقنى نورمال ئېشىش دائىرىسىدە كونترول قىلىشى كېرەك، ئەگەر تەن ئېغىرلىقنىڭ ئېىشىشى بەك چوڭ بولۇپ كەتسە ھامىلىدار ئايال دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن يېمەكلىكنى مۇۋاپىق كونترول قىلىپ، تەركىبىدە كراخمال ۋە ماي بار بولغان يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلىپ تەركىبىدە ئاقسىل، ۋىتامىن مول يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش كېرەك.
ھامىلىدار بولغىلى 32 ھەپتە بولغاندا نېمىنى ئاز ئىستېمال قىلغان ياخشى: ھامىلىدار ئاياللار تۇزلۇق سۇغا چىلاپ تەييارلىغان سەيلەرنى ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ.