ھامىلىدارلىقنىڭ 30-ھەپتىسىدە دادا بولغۇچى نېمە قىلىپ بېرىشى كېرەك—دادا بولۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ مەسئۇلىيىتىدىن خۇلاسە
ۋاقتى: 2015-07-02
ئاۋاتلىقى: 705 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ھامىلىدار بولۇپ 30 ھەپتە بولغاندا، ھامىلىدار ئانىنىڭ ئۇيقۇسى ئىنتايىن ئازىيىپ كېتىپ، بىر كېچىدە نەچچە قېتىم ئويغىنىپ كېتىشى مۇمكىن.
ئۇ قايتا-قايتا ئۇياق-بۇياققا ئۆرۈلۈپ قىينىلىپ كەتكەندە ئۇ دادا بولغۇچىنى ئويغىتىشى مۇمكىن، بۇ ۋاقىتتا دادا بولغۇچى توغرا چۈشىنىپ ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك. ئەڭ ياخشىسى ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ پاراڭلىشىشى ياكى ئۇنىڭ چېكىسىنى ئۇۋۇلاپ قويۇپ ئۇنىڭ ئۇيقۇسىزلىقتىن بولغان بىئاراملىقىنى يوقىتىشى كېرەك.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئايالى ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن دائىم بېلى تېلىپ ئاغرىيدۇ، ھامىلىدارلىقنىڭ ئوتتۇرا، ئاخىرقى مەزگىلىگە كەلگەندە ئايالىنىڭ پاقالچاق ۋە پۇتى ئىششىپ كېتىشى مۇمكىن. شۇڭا ئۇخلاشتىن بۇرۇن دادا بولغۇچى ئايالىنىڭ دولىسى، مۈرىسى، پاقالچاق ۋە پۇتلىرىنى ئۇۋۇلاپ قويسا بولىدۇ، ئايالى ئۈچۈن ئېيتقاندا بۇ ھەم بەدەننىڭ ئېھتىياجى ھەم پىسخىكا ئېھتىياجى.