ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدار بولغىنىغا 22 ھەپتە بولغان ئايالنىڭ بەدەن ئۆزگىرىشىدىن ئومۇمىي خۇلاسە

ھامىلىدار بولغىنىغا 22 ھەپتە بولغان ئايالنىڭ بەدەن ئۆزگىرىشىدىن ئومۇمىي خۇلاسە

ۋاقتى: 2016-02-11 ئاۋاتلىقى: 514 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھامىلىدارلىقنىڭ 22-ھەپتىسىگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، ھامىلىدار ئانىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ھەپتىسىگە 250 گراملىق سۈرئەت بىلەن ئېشىشقا باشلايدۇ. بالىياتقۇنىڭ ئورنىمۇ بارغانسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ ئۆپكىنى تېخىمۇ باسىدۇ، بارغانسېرى يوغىناۋاتقان بالىياتقۇ ۋە ئېشىۋاتقان بەدەن ئېغىرلىقى ھامىلىدار ئانىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھامىلىدارلىق ھورمۇنى پۇت ۋە قوللارنىڭ بوغۇملىرىنىڭ بوشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھامىلىدار ئايالنىڭ كىندىكى ئەمدى ئولتۇرۇشقان ھالەتتە بولماسلىقى، تەكشى ھالەتتە ۋە ياكى كۆپۈپ چىققان ھالەتتە بولۇشى مۇمكىن. بەلكىم سىز باشقىلارنىڭ: «ھامىلىدار ئانىنىڭ كىندىكى كۆپۈپ چىققان بولسا قورساقتىكى ھامىلە ئوغۇل بولۇشى مۇمكىن». دېگەن گېپىنى ئاڭلىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن.

 

ئېغىر دەرىجىدىكى ھامىلىدارلىق سىزىقچىلىرىدىن باشقا سىز يەنە تېرىڭىزدىكى ئۆمۈچۈكسىمان قان-تومۇر ئۆسمىسى  دەپ ئاتىلىدىغان ئۆزگىرىشكە دىققەت قىلغان بولۇشىڭىز مۇمكىن. بۇ ئادەتتە يۈز، بويۇن، كۆكرەكنىڭ يۇقىرى قىسمى، بىلەك قاتارلىقلاردا كۆرۈلىدىغان يېنىك دەرىجىدە قىزىرىپ كۆپۈپ چىققان ئۇششاق شاخچىسىمان بۆلەكلىرى بولغان تېرە ئۆزگىرىشى بولۇپ ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ئاياللىق ھورمۇننىڭ زىيادە كۆپ ئاجرىلىپ چىقىشىدىن  كېلىپ چىقىدۇ، ئادەتتە تۇغۇتتىن كېيىن تەبئىيلا يوقاپ كېتىدۇ.

 

Tags:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى