ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدار بولغىنىغا 23 ھەپتە بولغان ئايالنىڭ بەدەن ئۆزگىرىشىدىن ئومۇمىي خۇلاسە

ھامىلىدار بولغىنىغا 23 ھەپتە بولغان ئايالنىڭ بەدەن ئۆزگىرىشىدىن ئومۇمىي خۇلاسە

ۋاقتى: 2015-12-05 ئاۋاتلىقى: 604 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

  ھامىلىدارلىقنىڭ 23 ھەپتىسىگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، بالىياتقۇ چوڭىيىپ كىندىكتىن 3.8 سانتىمېتىر ئەتراپىدا يۇقىرى بولىدۇ، بالىياتقۇنىڭ ئېگىزلىكى تەخمىنەن 23 سانتىمېتىر كېلىدۇ، بەدەن ئېغىرلىقىڭىز تەخمىنەن 7 كىلوگرام ئاشىدۇ. سىز بۇ ۋاقىتتا بەدىنىڭىزنى كەرگەن ۋاقىتتا روشەن ئاغرىقنى سېزىسىز. قورسىقىڭىز پولتىيىپ چىققاچقا سىز ھەزىم قىلىش سىستېمىڭىزنىڭ بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىسىز، ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە كۆرۈلگەن ئاشقازان ئېچىشىپ ئاغرىش يەنە سىزنى بىئارام قىلىشقا باشلايدۇ. بىر قېتىمدا زىيادە تويۇنۇپ تاماق يېيىشتىن ساقلىنىڭ، تاماقنى ئاز-ئازدىن كۆپ قېتىم يېيىشكە ئادەتلىنىڭ، تاماقتىن كېيىن مۇۋاپىق مىقداردا مېڭىپ بەرگەندە ھەزىم قىلىشقا پايدىلىق.


  بەدەن ئىششىپ كەتكەندە ناترىينىڭ بەدەنگە قوبۇل قىلىنىش ئەھۋالى ئەھۋالىنى كۆزىتىش كېرەك، چۈنكى ناترىي بەدىنڭىزدە ئىششىق پەيدا قىلىدۇ. ئۇنىڭىدىن باشقا، بەزى ھامىلىدار ئاياللاردا قورساق، پۇت، كۆكرەك، دۈمبە قاتارلىقلار قاتتىق قىچىشىش، ياكى قىچىشىش بىلەن سېرىقلىق بىرگە مەۋجۇت بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر مەۋجۇت بولىدۇ. ئەگەر بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلسە  چوقۇم دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈشى لازىم، بۇ ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى جىگەرگە ئۆت سۇيۇقلۇقى يىغىلىپ قېلىشى‹肝内胆汁淤积›دىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن.

Tags:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى