ھامىلىدارلىقنىڭ 40-ھەپتىسىدىكى ھامىلىنىڭ يېتىلىش ئەھۋالى
ۋاقتى: 2016-06-03
ئاۋاتلىقى: 646 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
نۇرغۇنلىغان بوۋاقلار ئاساسەن مۇشۇ ھەپتىدە تۇغۇلىدۇ. لېكىن مۆلچەرلەنگەن تۇغۇت ۋاقتىدا تۇغۇلىدىغانلار پەقەت5% نى ئىگەللەيدۇ، ئىككى ھەپتە بۇرۇن ياكى ئىككى ھەپتە كېيىن تۇغۇلۇش ھەممىسى نورمال ھېسابلىنىدۇ. بۇ مەزگىلدە بوۋاق تۇرۇۋاتقان باش سۈيى بالىنىڭ بەدىنىدىكى موي، مايلارنىڭ چۈشۈشى ۋە باشقا ئاجرالما ماددىلار ئاجرىلىپ چىقىشى بىلەن ئەسلىدىكى ئوچۇق سۈزۈك رەڭگىدىن دۇغلىشىپ سۈت رەڭگە ئۆزگىرىشكە باشلايدۇ. بالا ھەمراھىنىڭ رولىمۇ رۇدىمېنتلىشىپ بالا تۇغۇلغاندا ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ بولىدۇ.