يانفوندا كۆرۈش
بۇ ھەپتىدە ھامىلىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى تەخمىنەن 1.8 كىلوگرام، بوي ئېگىزلىكى تەخمىنەن 43.7 سانتىمېتىر كېلىدۇ. ھامىلىنىڭ تېرىسىدىكى قىزىللىق ۋە پۈرلەشكەن ھالەت يوقالغان بولىدۇ. ھامىلىنىڭ كۆپ قىسىم سۆڭەكلىرى خېلىلا قاتقان ئەمما باش سۆڭىكى يەنىلا بىرقەدەر يۇمشاق، تېخى پۈتۈنلەي تۇتۇشۇپ كەتمىگەن بولۇپ بۇ ھامىلىنىڭ بىرقەدەر تار ھالەتتىكى تۇغۇت يولىدىن ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇشىغا پايدىلىق. ھامىلىنىڭ باش سۆڭىكى ئەمەلىيەتتە ئۆز-ئارا ئايرىلىپ تۇرىدىغان سۆڭەك تاختىسىدىن تۈزۈلگەن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىنچىكە يوچۇق مەۋجۇت. بۇ خىل ھەرىكەتچان تۈزۈلۈش ھامىلىنىڭ تۇغۇلۇش جەريانىدا تار تۇغۇت يولىدىن ئۆتكەندە كېڭىيىپ تارىيىدىغان ئېلاستىكىلىققا ئىگە قىلىدۇ. تۇغۇت جەريانىدا ھامىلىنىڭ بېشى كۈچلۈك قىسىلىشقا ئۇچرايدۇ، شۇڭلاشقا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ بېشى ئۇزۇنچاق بولىدۇ، بۇ نورمال ئەھۋال. بۇ پەقەت ۋاقىتلىق ھالەت بولۇپ بوۋاققا ھېچقانداق زىيان زەخمەت يەتكۈزمەيدۇ، بوۋاقنىڭ بېشى ناھايىتى تېزلا يۇمىلاق ھالىتىگە قايتىدۇ، بىراق بوۋاقنىڭ باش سۆڭىكى تاختىسى تاكى 9-18 ئايلىق بولغاندا ئاندىن پۈتۈنلەي پۈتىدۇ.