ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدار بولغىنىغا 34 ھەپتە بولغان ھامىلىدار ئاياللارنىڭ بەدەن ئۆزگىرىشىدىن خۇلاسە

ھامىلىدار بولغىنىغا 34 ھەپتە بولغان ھامىلىدار ئاياللارنىڭ بەدەن ئۆزگىرىشىدىن خۇلاسە

ۋاقتى: 2016-06-10 ئاۋاتلىقى: 644 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھامىلىدارلىقنىڭ 34 -ھەپتىسىگە  كىرگەندىن كېيىن بالىياتقۇنىڭ ھەجىمى ھامىلىدار بولۇشتىن ئىلگىرىكىگە قارىغاندا 500-1000 گىچە ئاشقان بولىدۇ، شۇڭلاشقا سىز ئۆزىڭىزنى بەدىنىڭىز بەڭ چوڭ بولۇپ كەتكەندەك، ھەرىكىتىڭىز قولايسىز بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلىسىز، بۇ ناھايىتى نورمال ھېسسىيات.پۇتىڭىزغا چۈشىدىغان بېسىم ئاشقاچقا پۇتىڭىز دائىم تېلىپ ئاغرىيدۇ، بەزى چاغلاردا يەنە قورسىقىڭىز تارتىشىپ مۇجۇپ ئاغرىيدۇ. قورسىقىڭىزنىڭ بارغانسېرى يوغىنىشى سەۋەپلىك ئىشتىھايىڭىز تۆۋەنلەپ تېخىمۇ ئاسان قەۋزىيەت بولۇپ قالىسىز. سىز بەلىكىم پۇتىڭىز، قولىڭىز، يۈزىڭىز قاتارلىقلارنىڭ ئىششىپ كەتكەنلىكىنى بايقىدىڭىز، ئەگەر قولىڭىز ياكى يۈزىڭىز تۇيۇقسىز قاتتىق ئىششىپ كەتسە چوقۇم دوختۇرغا بېرىپ كۆرۈنۈشىڭىز لازىم. گەرچە بەدىنىڭىزدە ئىششىش ئالامىتى كۆرۈلگەن تەقدىردىمۇ سۇ ئىچىش مىقدارىڭىزنى ئازايتىۋەتسىڭىز بولمايدۇ، چۈنكى ھازىر ئانا تېنى ۋە ھامىلە كۆپ مىقداردا سۇغا ئېھتىياجلىق، ئىستىمال قىلغان سۈيىڭىز قانچە كۆپ بولسا بەدىنىڭىزدە يىغىلىپ قالغان سۇنىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىپ تاشلىنىشى شۇنچە ياخشى بولىدۇ.


  بۇ ھەپتىدە تۇنجى قورساق كۆتۈرگەن ئاياللارنىڭ كىندىكى ئەتراپىدا قىچىشىدىغان قىزىل داغلار پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ، كېيىن بارا-بارا تېقىم ۋە قول-پۇتلارنىڭ ئاخىرقى ئۇچلىرىغا يۆتكىلىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ھامىلىدارلىقتىن كېلىپ چىققان قىچىشىش خاراكتېرلىك ئۇرتىكارىيە ۋە داغ«妊娠瘙痒性荨麻疹及斑块» دەپ ئاتىلىدۇ‹قىسقارتىلىپ PUPPP دېيىلىدۇ›، ئادەتتە ھامىلىدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە يۈز بېرىدۇ، بۇ قورساقنىڭ ھەددىدىن زىيادە چوڭىيىشى‹ھامىلىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقنىڭ ئېشىشى ۋە كۆپ كېزەك› سەۋەبىدىن تېرىدە يۈز بېرىدىغان ئۆزگىرىش،گەرچە بۇنىڭ سالامەتلىككە زىيان ئېلىپ كەلمىسىمۇ ئەڭ ياخشىسى دوختۇرغا كۆرۈنۈپ بېقىش زۆرۈر.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى